ئۇ پادىشاھقا بىر يۈز يىگىرمە تالانت ئالتۇن، ئىنتايىن كۆپ خۇشبۇي بۇيۇملار ۋە ياقۇت-گۆھەرلەرنى سوۋغا قىلدى. شېبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايمان پادىشاھقا سۇنغان شۇنچە زور مىقداردىكى خۇشبۇي بۇيۇملار ئۇنىڭدىن كېيىن ھېچ كۆرۈنگەن ئەمەس
TSK
TSK · يەشايا 39:2
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز سوۋغىتىنى ئېلىپ كېلەتتى؛ يەنى كۈمۈش قاچا-قۇچىلار، ئالتۇن قاچا-قۇچىلار، كىيىم-كېچەكلەر، دۇبۇلغا-ساۋۇتلار، تېتىتقۇلار، ئاتلار ۋە قېچىرلارنى ئېلىپ كېلەتتى. ئۇلار ھەر يىلى بەلگىلىك مىقداردا شۇنداق قىلاتتى.
ھەزەكىيا بولسا ئەلچىلەرنىڭ گېپىنى تىڭشاپ، ئۇلارغا بارلىق خەزىنە-ئامبارلىرىنى، كۈمۈشنى، ئالتۇننى، دورا-دەرمانلارنى، سەرخىل مايلارنى، ساۋۇت-قوراللار ئامبىرىدىكى ھەممىنى ۋە بايلىقلىرىنىڭ بارلىقىنى كۆرسەتتى؛ ئوردىسى ۋە پۈتكۈل پادىشاھلىقى ئىچىدىكى نەرسىلەردىن ھەزەكىيا ئۇلارغا كۆرسەتمىگەن بىرىمۇ قالمىدى.
ئۇ پادىشاھقا بىر يۈز يىگىرمە تالانت ئالتۇن، ئىنتايىن كۆپ خۇشبۇي بۇيۇملار ۋە ياقۇت-گۆھەرلەرنى سوۋغا قىلدى. شېبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايمان پادىشاھقا سۇنغان شۇنچە زور مىقداردىكى خۇشبۇي بۇيۇملار شۇنىڭدىن كېيىن ھېچ كۆرۈنگەن ئەمەس
ھەزەكىيانىڭ دۇنياسى تولىمۇ كۆپ، ئىززەت-ھۆرمىتى قەۋەتلا يۇقىرى ئىدى؛ ئۇ ئۆزىگە ئالتۇن، كۈمۈش، گۆھەر-ياقۇت، خۇشبۇي دورا-دەرمەك، قالقان ۋە ھەرخىل قىممەتلىك بۇيۇملارنى ساقلايدىغان خەزىنىلەرنى سالدۇردى؛
ئەگەر بايلىقلىرىم زور بولغانلىقىدىن، ياكى قولۇم ئالغان غەنىيمەتتىن شادلىنىپ كەتكەن بولسام،
قەلبىڭنى «ھەممىدىن ئەزىز» دەپ ساپ تۇت، چۈنكى بارلىق ھايات ئىشلىرى قەلبتىن باشلىنىدۇ.
قەلب ھەممىدىن ئالدامچى، ئۇنىڭ داۋاسى يوقتۇر. كىممۇ ئۇنى چۈشىنەلىسۇن؟
ئەگەر گۇناھىمىز يوق دېسەك، ئۆز ئۆزىمىزنى ئالدىغان بولىمىز ھەمدە بىزدە ھەقىقەت تۇرمايدۇ.