TSK

TSK · يەشايا 42:21

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

سىلەر ئۇلارنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەل قىلىڭلار؛ چۈنكى شۇنداق قىلساڭلار بۇ ھۆكۈملەرنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلىغان خەلقلەرنىڭ كۆز ئالدىدا سىلەرنىڭ دانا ۋە يورۇتۇلغان بىر خەلق ئىكەنلىكىڭلار ئىسپاتلىنىدۇ؛ ئۇلار دەرۋەقە: «بۇ ئۇلۇغ ئەل دەرھەقىقەت دانا ھەم يورۇتۇلغان بىر خەلق ئىكەن» ــ دەيدۇ.

«خۇدايىم، سېنىڭ كۆڭلۈڭدىكى ئىرادەڭ مېنىڭ خۇرسەنلىكىمدۇر؛ سېنىڭ تەۋرات قانۇنۇڭ قەلبىمگە پۈتۈكلۈكتۇر».

ئى ئۇلۇغ كارامەت ئىشلارنى قىلغان خۇدا، ھەققانىيلىقىڭ پەلەككە تاقاشتى؛ ساڭا كىممۇ ئوخشاش بولالىسۇن!

شۇڭا ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار ــ يەنى ئىسرائىلدىكى قۇدرەت ئىگىسى ئېيتىدۇ: ــ مەن كۈشەندىلىرىمنى [جازالاپ] پۇخادىن چىقىمەن، دۈشمەنلىرىمدىن قىساس ئالىمەن؛

ئى ھەققانىيلىقتىن يىراق كەتكەن جاھىللار، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار: ــ

لېكىن ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ ھازىرچە شۇنىڭغا يول قويغىن؛ چۈنكى ھەققانىيلىقنىڭ بارلىق [تەلەپلىرىنى] ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، شۇنداق قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن، يەھيا ئۇنىڭغا يول قويدى.

مېنى تەۋرات قانۇنىنى ياكى پەيغەمبەرلەرنىڭ يازغانلىرىنى بىكار قىلغىلى كەلدى، دەپ ئويلاپ قالماڭلار. مەن ئۇلارنى بىكار قىلغىلى ئەمەس، بەلكى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى كەلدىم.

مېنى ئەۋەتكۈچى مەن بىلەن بىللىدۇر، ئۇ مېنى ئەسلا يالغۇز قويمىدى، چۈنكى مەن ھەمىشە ئۇنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىمەن.

ئەگەر ئەمرلىرىمنى تۇتساڭلار، خۇددى مەن ئاتامنىڭ ئەمرلىرىنى تۇتقان ۋە ھەمىشە ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدە تۇرغىنىمدەك، سىلەرمۇ ھەمىشە مېنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىمدە تۇرىسىلەر.

خۇدا ئۇنى گۇناھلارنىڭ جازاسىنى كۆتۈرگۈچى كافارەت قۇربانلىقى سۈپىتىدە تەيىنلىدى؛ [ئىنسانلارنىڭ] ئۇنىڭ [قۇربانلىق] قېنىغا ئىشەنچ باغلىشى بىلەن [قۇربانلىق] ئىناۋەتلىكتۇر. خۇدا بۇ ئارقىلىق بۇرۇنقى زاماندىكىلەرنىڭ سادىر قىلغان گۇناھلىرىغا سەۋر-تاقەتلىك بولۇپ، جازالىماي ئۆتكۈزۈۋېتىشىنىڭ ئادىللىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.   

بۇنىڭدىن قارىغاندا قانۇن ھەقىقەتەن پاك-مۇقەددەستۇر، ئۇنىڭ ئەمرىمۇ مۇقەددەس، توغرا-ئادالەتلىك ۋە ياخشىدۇر.

چۈنكى تەۋرات قانۇنىنىڭ نىشان-مەقسىتى مەسىھنىڭ ئۆزىدۇر؛ شۇنىڭ بىلەن ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ھەربىرى ئۈچۈن ھەققانىيلىق بار بولدى.  

ھالبۇكى، مەسىھ بىزنى تەۋرات قانۇنىدىكى لەنەتتىن ھۆر قىلىش ئۈچۈن ئورنىمىزدا لەنەت بولۇپ بەدەل تۆلىدى. بۇ ھەقتە [مۇقەددەس يازمىلاردا]: «ياغاچقا ئېسىلغان ھەربىر كىشى لەنەتكە قالغان ھېسابلانسۇن» دەپ يېزىلغان.   

ۋەھالەنكى، روھنىڭ مېۋىسى بولسا مېھىر-مۇھەببەت، شاد-خۇراملىق، خاتىرجەملىك، سەۋر-تاقەت، مېھرىبانلىق، ياخشىلىق، ئىشەنچ-سادىقلىق،   

چۈنكى شۇ كۈنلەردىن كېيىن، مېنىڭ ئىسرائىل جەمەتى بىلەن تۈزىدىغان ئەھدەم مانا شۇكى: ــ «مەن ئۆز تەۋرات-قانۇنلىرىمنى ئۇلارنىڭ زېھىن-ئەقلىگە سالىمەن، ھەمدە ئۇلارنىڭ قەلبىگىمۇ پۈتىمەن؛ مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن، ئۇلارمۇ مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ.