ئاندىن مۇسا ھاسىسى بىلەن قورام تاشنى ئىككى قېتىم ئۇرۇۋىدى، ناھايىتى كۆپ سۇ ئېقىپ چىقتى، سۇدىن جامائەتمۇ، چارپايلارمۇ ئىچىشتى.
TSK
TSK · يەشايا 48:21
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
سەن ئۆزۈڭنىڭ مېھرىبانە روھىڭنى چۈشۈرۈپ ئۇلارغا تەلىم بەردىڭ؛ سەن ئۇلارنىڭ يېيىشى ئۈچۈن «ماننا»نى ئايىمىدىڭ، ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن سۇنى بەردىڭ.
مانا ئۇ قورام تاشنى ئۇرۇۋىدى، سۇلار ئۇرغۇپ، ئېقىنلار بۇلاقتەك تېشىپ چىقتى؛ ئەمدى ئۇ بىزگە نانمۇ بېرەلەمدۇ؟ ئۆز خەلقىنى گۆش بىلەن تەمىنلىيەلەمدۇ؟» ــ دېيىشتى.
چوڭ قىرغىنچىلىق بولغان كۈنى، يەنى مۇنارلار ئۆرۈلگەن كۈنى، ھەربىر ئۇلۇغ تاغدا ۋە ھەربىر ئېگىز دۆڭدە بولسا، ئەنھارلار ۋە ئېرىقلار بولىدۇ.
بوزەكلەر ۋە يوقسۇللار سۇ ئىزدەيدۇ، لېكىن سۇ يوق؛ ئۇلارنىڭ تىلى ئۇسسۇزلۇقتىن قاغجىراپ كېتىدۇ؛ مەن پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئاڭلايمەن؛ مەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى ئۇلاردىن ۋاز كەچمەيمەن.
دالادىكى ھايۋانلار، چىلبۆرىلەر ھەم ھۇۋقۇشلار مېنى ئۇلۇغلايدۇ؛ چۈنكى مەن ئۆز خەلقىم، يەنى ئۆز تاللىغىنىمغا ئىچىملىك تەمىنلەشكە، دالالاردا سۇلارنى، چۆل-باياۋانلاردا دەريالارنى چىقىرىپ بېرىمەن.
ئۇلار يىغا-زارلار كۆتۈرۈپ كېلىدۇ، ئۇلار دۇئا-تىلاۋەت قىلغاندا ئۇلارنى يېتەكلەيمەن؛ مەن ئۇلارنى ئېرىق-ئۆستەڭلەر بويىدا، ھېچ پۇتلاشمايدىغان تۈز يول بىلەن يېتەكلەيمەن؛ چۈنكى مەن ئىسرائىلغا ئاتا بولىمەن، ئەفرائىم بولسا مېنىڭ تۇنجى ئوغلۇمدۇر.