بۇ دەۋردىكىلەرنىڭ ھەممىسى [ئۆلۈپ] ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىغا قوشۇلۇپ كەتتى؛ ئۇلاردىن كېيىن پەرۋەردىگارنىمۇ تونۇمايدىغان، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىسرائىل ئۈچۈن قىلغان ئەمەللىرىنى بىلمىگەن بىر دەۋر پەيدا بولدى.
TSK
TSK · ئايۇپ 18:21
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
ــ ئى، سەن ئوغلۇم سۇلايمان، ئاتاڭنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنى بىل، ساپ دىل ۋە پىداكارلىق بىلەن ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولغىن. چۈنكى پەرۋەردىگار جىمى ئادەمنىڭ كۆڭلىنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ، بارلىق ئوي-نىيەتلىرىنى پەرق ئېتىدۇ. سەن ئۇنى ئىزدىسەڭ، ئۇ ئۆزىنى ساڭا تاپقۇزىدۇ؛ ئۇنىڭدىن تېنىپ كەتسەڭ، سېنى مەڭگۈ ئۈزۈپ تاشلايدۇ.
ھەم ئۇلار تەڭرىگە: «بىزدىن نېرى بول، بىزنىڭ يوللىرىڭ بىلەن تونۇشقىمىز يوقتۇر!» ــ دەيدۇ،
قەھرىڭنى سېنى تونۇمىغان ئەللەر ئۈستىگە، نامىڭنى بىلمىگەن پادىشاھلىقلار ئۈستىگە تۆككەيسەن!
قەھرىڭنى سېنى تونۇمايدىغان ئەللەر ھەمدە نامىڭغا نىدا قىلمايدىغان جەمەتلەر ئۈستىگە تۆككەيسەن؛ چۈنكى ئۇلار ياقۇپنى يەپ كەتكەن؛ بەرھەق، ئۇلار ئۇنى يۇتۇپ تۈگەشتۈرۈپ، تۇرغان جايىنى مۇتلەق ۋەيران قىلغان.
ئۇلار خۇدانى تونۇيمىز دەپ داۋراڭ قىلسىمۇ، لېكىن ئەمەللىرىدە ئۇنىڭدىن تانىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار يىرگىنچلىكلەر، ھېچگەپ ئاڭلىمايدىغانلار، ھېچقانداق ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا يارىمايدىغانلاردۇر.