TSK

TSK · يۇھاننا 17:4

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ مېنىڭ يېمەكلىكىم ــ مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە ئۇنىڭ [ماڭا تاپشۇرغان] خىزمىتىنى تاماملاشتۇر.

ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ ئۆزى ياكى ئاتا-ئانىسىنىڭ گۇناھ سادىر قىلغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئۆز ئەمەللىرى ئۇنىڭدا ئايان قىلىنسۇن دەپ شۇنداق بولغان.

يەھۇدا تاشقىرىغا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئەيسا مۇنداق دېدى: ــ ئەمدى ئىنسانئوغلى ئۇلۇغلىنىدىغان ۋاقىت-سائەت يېتىپ كەلدى ۋە خۇدا ئۇ ئارقىلىق ئۇلۇغلىنىدۇ.

ۋە ئاتىنىڭ ئوغۇلدا ئۇلۇغلىنىشى ئۈچۈن، ھەرنېمىنى مېنىڭ نامىم بىلەن تىلىسەڭلار، شۇلارنى ئىجابەت قىلىمەن.

ئەگەر ئەمرلىرىمنى تۇتساڭلار، خۇددى مەن ئاتامنىڭ ئەمرلىرىنى تۇتقان ۋە ھەمىشە ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدە تۇرغىنىمدەك، سىلەرمۇ ھەمىشە مېنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىمدە تۇرىسىلەر.

لېكىن مەن ئۆز مۇساپەمنى تاماملىشىم، رەب ئەيسادىن تاپشۇرۇۋالغان خىزمەتنى ئادا قىلىشىم، يەنى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ تولۇق گۇۋاھچىسى بولۇشۇم ئۈچۈن، ئۆز ھاياتىمنى قىلچە ئايىمايمەن.