TSK

TSK · يۇھاننا 2:14

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

سەن شۇلارنى، يەنى ئاشلىقىڭ، يېڭى شارابىڭ، زەيتۇن مېيىڭنىڭ ئوندىن بىرىنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا، يەنى ئۇ ئۆز نامىنى قالدۇرۇشقا تاللايدىغان جايدا يە، شۇنداقلا كالا-قوي پادىلىرىدىن ئايرىلغان تۇنجى بالىلىرىنى شۇ يەردە يە؛ شۇنداق قىلساڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭدىن دائىم قورقۇشنى ئۆگىنىسەن.

ئەمدى ئەيسا ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرىپ، ئۇ يەردە ئېلىم-سېتىم قىلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى ھەيدەپ چىقاردى. پۇل تېگىشكۈچىلەرنىڭ شىرەلىرىنى ۋە پاختەك-كەپتەر ساتقۇچىلارنىڭ ئورۇندۇقلىرىنى ئۆرۈپ،   

ئۇ خەلققە: ــ مۇقەددەس يازمىلاردا: «مېنىڭ ئۆيۈم بارلىق ئەللەر ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەتخانا دەپ ئاتىلىدۇ» دەپ پۈتۈلگەن ئەمەسمۇ؟ لېكىن سىلەر ئۇنى بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلاندۇرۇۋەتتىڭلار! ــ دەپ تەلىم باشلىدى.