لېكىن ئۆزىدە باشقىچە بىر روھنىڭ بولغىنى، پۈتۈن قەلبى بىلەن ماڭا ئەگەشكىنى ئۈچۈن قۇلۇم كالەبنى ئۇ كىرگەن يەرگە باشلاپ كىرىمەن؛ ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ ئۇ يەرگە مىراسخور بولىدۇ.
TSK
TSK · يۇھاننا 21:19
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ، ماڭا ئەگەشمىگەنلەرمۇ ماڭا مۇناسىپ ئەمەس.
ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئالەمدىكى ھەممە قايتىدىن يېڭىلانغىنىدا، ئىنسانئوغلى شانلىق تەختىدە ئولتۇرغان ۋاقتىدا، ماڭا ئەگەشكەن سىلەر ئون ئىككى تەختتە ئولتۇرۇپ، ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىگە ھۆكۈم چىقىرىسىلەر.
ــ چۈنكى ئىنسانئوغلىنىڭ نۇرغۇن ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشى، ئاقساقاللار، باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىشى، ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە ئۈچ كۈندىن كېيىن تىرىلدۈرۈلۈشى مۇقەررەر، ــ دېدى.
(ئۇنىڭ بۇنى دېگىنى ئۆزىنىڭ قانداق ئۆلۈم بىلەن ئۆلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكىنى ئىدى).
بۇ ئىشلار ئەيسانىڭ ئۆزى قانداق ئۆلۈم بىلەن ئۆلۈدىغىنى توغرىسىدىكى ئالدىن ئېيتقان بېشارەتلىك سۆزىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن يۈز بەردى.
ــ دېمەك، تەقەززالىقىم ۋە ئۈمىد-ئىستىكىم بويىچە ھېچ ئىشتا خىجالەتچىلىكتە قالماستىن، تىرىك ياكى ئۆلۈك بولاي، ھەردائىم بولغىنىدەك ھازىرمۇ تولۇق جاسارەت بىلەن مەسىھ تېنىمدە ئۇلۇغلانسۇن!
چۈنكى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ بۇرۇن ماڭا ئايان قىلغىنىدەك، مېنىڭ بۇ چېدىرىم پات ئارىدا ئۇچامدىن سېلىۋېتىلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپتىمەن.