شاھانە ھاسا يەھۇدادىن كېتىپ قالمايدۇ، يەھۇدانىڭ پۇشتىدىن قانۇن چىقارغۇچى ئۆكسۈمەيدۇ، تاكى شۇ ھوقۇق ئىگىسى كەلگۈچە كۈتىدۇ؛ كەلگەندە، جاھان خەلقلىرى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدۇ.
TSK
TSK · يۇھاننا 4:22
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
لېكىن بىز بولساق، پەرۋەردىگار بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر، بىز ئۇنىڭدىن ۋاز كەچمىدۇق؛ پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولغان كاھىنلار بولسا ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىدۇر، لاۋىيلار ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە تۇرماقتا.
بىزنىڭ تەڭرىمىز بىردىنبىر نىجاتكار تەڭرىدۇر؛ رەبگە، يەنى پەرۋەردىگارغىلا، ئۆلۈمگە باغلىق ئىشلار تەۋەدۇر.
نۇرغۇن خەلق-مىللەتلەر چىقىپ بىر-بىرىگە: ــ «كېلىڭلار، بىز پەرۋەردىگارنىڭ تېغىغا، ياقۇپنىڭ خۇداسىنىڭ ئۆيىگە چىققايلى؛ ئۇ ئۆز يوللىرىدىن بىزگە ئۆگىتىدۇ، بىز ئۇنىڭ تەرىقىلىرىدە ماڭىمىز» ــ دېيىشىدۇ. ــ چۈنكى قانۇن-يوليورۇق زىئوندىن، پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامى يېرۇسالېمدىن چىقىدىغان بولىدۇ.
زىئوندىكىلەر، تەنتەنە قىلىپ جار سېلىڭلار؛ چۈنكى ئاراڭلاردا تۇرغان ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى بۈيۈكتۇر!» ــ دەيسىلەر.
شۇ كۈنى يېرۇسالېمغا ئېيتىلىدۇكى، «قورقما، ئى زىئون! قوللىرىڭ بوشاپ، ساڭگىلاپ كەتمىسۇن!
ئاندىن ئۇنىڭ نامى بىلەن «توۋا قىلىڭلار، گۇناھلارنىڭ كەچۈرۈمىگە مۇيەسسەر بولۇڭلار» دېگەن خەۋەر يېرۇسالېمدىن باشلاپ بارلىق ئەللەرگە جاكارلىنىدۇ.
شۇڭا خۇدا بۇرۇنقى زامانلاردىكىلەرنىڭ شۇنداق غەپلەتلىك ۋاقىتلىرىنى نەزىرىدىن ساقىت قىلغىنى بىلەن، لېكىن بۈگۈنكى كۈندە ئۇ ھەممىلا يەردە پۈتۈن ئىنسانلارنى گۇناھلىرىغا توۋا قىلىشقا ئەمر قىلماقتا!