ھەققانىينىڭ بېرىدىغان مېۋىسى «ھاياتلىق دەرىخى»دۇر؛ دانا كىشى كۆڭۈللەرنى [ھاياتلىققا] مايىل قىلار.
TSK
TSK · يۇھاننا 4:36
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
قېرىنداشلار، مەن سىلەرنىڭ شۇنى بىلىشىڭلارنى خالايمەنكى، باشقا يەردىكى ئەللىكلەرنىڭ ئارىسىدا خىزمىتىم مېۋە بەرگەندەك، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىمۇ خىزمىتىمنىڭ مېۋە بېرىشى ئۈچۈن يېنىڭلارغا بېرىشنى كۆپ قېتىم نىيەت قىلدىم، لېكىن بۈگۈنگىچە توسالغۇغا ئۇچراپ كېلىۋاتىمەن.
ئاپوللوس دېگەن كىم؟ پاۋلۇس كىم ئىدى؟ بىز پەقەت سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلارغا ۋاسىتىچى بولدۇق، خالاس؛ ھەربىرىمىز پەقەت رەب بىزگە تەقسىم قىلغىنى بويىچە ۋەزىپە ئادا قىلىدىغان خىزمەتكارلار، خالاس، شۇنداق ئەمەسمۇ؟
شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئەيىبسىز، ساپ دىللىق بولۇپ، بۇ دەۋردىكى تەتۈر، ئەسەببىي ئادەملەر ئوتتۇرىسىدا ياشاپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا دۇنياغا يورۇقلۇق بەرگۈچىلەردەك پارلاپ، خۇدانىڭ داغسىز پەرزەنتلىرى بولىسىلەر؛
ئۆزۈڭگە ۋە بەرگەن تەلىمىڭگە ئىزچىل كۆڭۈل قويغىن. چۈنكى شۇنداق قىلغاندا ئۆزۈڭنىمۇ ۋە ساڭا قۇلاق سالغانلارنىمۇ قۇتقۇزىسەن.
قېرىنداشلىرىم، ئاراڭلاردا بىرسى ھەقىقەتتىن چەتنىگەن بولسا، ۋە يەنە بىرسى ئۇنى [ھەقىقەتكە] قايتۇرسا،