ئەمما ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى بابىل، كۇتتاھ، ئاۋۋا، خامات ۋە سەفارۋائىمدىن خەلقنى يۆتكەپ ئىسرائىلنىڭ ئورنىغا سامارىيەنىڭ شەھەرلىرىگە ماكانلاشتۇردى. ئۇلار شۇنىڭ بىلەن سامارىيەگە ئىگىدارچىلىق قىلىپ شەھەرلەردە ئولتۇردى.
TSK
TSK · يۇھاننا 4:9
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
شۇنداق بولدىكى، سانباللات بىزنىڭ سېپىلنى يېڭىۋاشتىن ئوڭشاۋاتقانلىقىمىزنى ئاڭلاپ غەزەپلىنىپ، قەھرى بىلەن يەھۇدالارنى مەسخىرە قىلدى.
[شۇنىڭ ئۈچۈن] ئۇ ئالدىن ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى. ئۇلار يولغا چىقىپ، ئۇنىڭ كېلىشىگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن سامارىيە ئۆلكىسىدىكى بىر يېزىغا كىردى.
ئۇ كېلىپ ئەيسانىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ دۈم يېتىپ تەشەككۈر ئېيتتى. ئۇ سامارىيەلىك ئىدى.
يەھۇدىيلار ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ ئەجەبا، بىزنىڭ سېنى: «سامارىيەلىك ھەم جىن چاپلاشقان ئادەم»سەن دېگىنىمىز توغرا ئەمەسمۇ؟ ــ دېيىشتى.
ئۇ ئۇلارغا: ــ سىلەرگە مەلۇمكى، بىز يەھۇدىيلارنىڭ يات ئەللىكلەردىن بىرسى بىلەن باردى-كەلدى قىلىشى ياكى ئۆيلىرىگە كىرىشى تەۋرات قانۇن-ئەقىدىلىرىمىزگە خىلاپ. لېكىن خۇدا ماڭا ھېچقانداق ئادەمنى ناپاك ياكى ھارام دېمەسلىكىم كېرەكلىكىنى ئايان قىلدى.