ياق، ياق! بۇ ئىش سەندىن نېرى بولغاي! ھەققانىيلارنى رەزىللەرگە قوشۇپ ئۆلتۈرۈپ، ھەققانىيلارغا رەزىللەرگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش سەندىن نېرى بولغاي! پۈتكۈل جاھاننىڭ سوراقچىسى ئادالەت يۈرگۈزمەمدۇ؟ ــ دېدى.
TSK
TSK · يۇھاننا 5:30
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
سامارىيەنىڭ بولسا، پادىشاھى دېڭىز دولقۇنلىرى ئۈستىدىكى خەشەكتەك يوقىلىپ كەتتى؛
ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ مېنىڭ يېمەكلىكىم ــ مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە ئۇنىڭ [ماڭا تاپشۇرغان] خىزمىتىنى تاماملاشتۇر.
چۈنكى ئۆز ئىرادەمنى ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەرشتىن چۈشتۈم.
شۇڭا ئەيسا مۇنداق دېدى: سىلەر ئىنسانئوغلىنى كۆتۈرگەندىن كېيىن، مېنىڭ «[ئەزەلدىن] بار بولغۇچى» ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر ۋە شۇنداقلا ھېچ ئىشنى ئۆزلۈكۈمدىن قىلمىغانلىقىمنى، پەقەت ئاتىنىڭ ماڭا ئۆگەتكىنىنىلا سۆزلىگەنلىكىمنىمۇ بىلىسىلەر.
مەن ئۆز شان-شەرىپىمنى ئىزدىمەيمەن؛ لېكىن بۇنى ئىزدىگۈچى ھەم [ئۇنىڭ ئۈستىدىن] ھۆكۈم قىلغۇچى بىرسى بار.
مەن سېنىڭ ئەمەل قىلىشىم ئۈچۈن تاپشۇرغان ئىشىڭنى ئورۇندىشىم بىلەن سېنى يەر يۈزىدە ئۇلۇغلاتقۇزدۇم.
بىزگە مەلۇمكى، خۇدانىڭ ئۇنداق ئىشلارنى قىلغانلار ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىشى [مۇتلەق] ھەقىقەتكە ئاساسلانغاندۇر.
چۈنكى ھەتتا مەسىھمۇ ئۆزىنى قاندۇرۇشنى ئويلىمىغانىدى. بۇ توغرىسىدا مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق پۈتۈلگەن: «سەن [خۇدانى] ھاقارەت قىلغانلارنىڭ ھاقارەتلىرى مېنىڭ ئۈستۈمگە چۈشتى».