TSK

TSK · يۇھاننا 6:30

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

پەرۋەردىگار يەنە: ــ شۇنداق بولىدۇكى، ئەگەر ئۇلار ساڭا ئىشەنمەي، ئالدىنقى مۆجىزىلىك ئالامەتكە كۆڭۈلشىمىسە، ئۇلار ئىككىنچى مۆجىزىلىك ئالامەتكە ئىشىنىدۇ.

ئاندىن خۇدانىڭ ئادىمى پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقان مۆجىزىلىك ئالامەت يۈز بېرىپ، قۇربانگاھ ھەم يېرىلىپ ئۈستىدىكى كۈللەر تۆكۈلۈپ كەتتى.

«ئۆزۈڭ ئۈچۈن بېشارەت سورا؛ مەيلى يەرنىڭ تېگىدە ياكى پەلەكنىڭ قەرىدە بولسۇن سوراۋەر» ــ دېدى.

ئەمدى پەرىسىيلەر بىلەن سادۇقىيلار ئۇنى سىناش مەقسىتىدە يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن بىزگە ئاسماندىن مۆجىزىلىك بىر ئالامەت كۆرسەتسەڭ، دەپ تەلەپ قىلىشتى.  

ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بولغان مەسىھ ئەمدى كرېستتىن چۈشۈپ باقسۇنچۇ، شۇنى كۆرسەكلا ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىمىز! ــ دېيىشتى. ئۇنىڭ بىلەن تەڭ كرېستلەنگەنلەرمۇ ئۇنى شۇنداق ھاقارەتلەشتى.

شۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلار ئۇ ئىشلارغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ ئۇنىڭدىن: ــ بۇنداق ئىشلارنى قىلغانىكەنسەن، قېنى، بىزگە نېمە مۆجىزىلىك ئالامەتنى كۆرسىتىپ بېرىسەن؟! ــ دەپ سورىدى.

لېكىن سىلەرگە ئېيتقىنىمدەك، سىلەر مېنى كۆرگەن بولساڭلارمۇ، ئېتىقاد قىلمايۋاتىسىلەر.

گەرچە ئۇ ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا شۇنچە تولا مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئۇلار تېخى ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلمىدى.

ۋە كېسەللەرنى ساقايتىشقا قولۇڭنى ئۇزىتىپ، مۇقەددەس خىزمەتكارىڭ ئەيسانىڭ نامىدا مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەرنى ياراتقايسەن.

ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇدا بېشارەتلىك ئالامەتلەر، كارامەتلەر ۋە ھەرخىل قۇدرەتلىك مۆجىزىلەر ئارقىلىق، شۇنداقلا ئۆز ئىرادىسى بويىچە مۇقەددەس روھنىڭ ئاتا قىلغان ئىلتىپاتلىرى بىلەن تەڭ بۇنىڭغا گۇۋاھلىق بەرگەن.