پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدا: «ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە خۇدا تەرىپىدىن ئۆگىتىلىدۇ» دەپ پۈتۈلگەندۇر. شۇڭا، ئاتىنىڭ [سۆزىنى] تىڭشىغان ۋە ئۇنىڭدىن ئۆگەنگەن ھەربىرى مېنىڭ يېنىمغا كېلىدۇ.
TSK
TSK · يۇھاننا 8:47
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
سىلەرنىڭ ئىبراھىمنىڭ نەسلى ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىمەن. بىراق مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋاتىسىلەر، چۈنكى مېنىڭ سۆزۈم ئىچىڭلاردىن ئورۇن ئالمىدى.
لېكىن مەن ھەقىقەتنى سۆزلىگىنىم ئۈچۈن، ماڭا ئىشەنمەيسىلەر.
سەن بۇ دۇنيادىن ماڭا تاللاپ بەرگەن ئادەملەرگە سېنىڭ نامىڭنى ئايان قىلدىم. ئۇلار سېنىڭكى ئىدى، سەن ئۇلارنى ماڭا بەردىڭ ۋە ئۇلار سېنىڭ سۆز-كالامىڭنى تۇتۇپ كەلدى.
خۇدانىڭ بالىلىرى بىلەن ئىبلىسنىڭ بالىلىرى شۇنىڭ بىلەن پەرقلىنىدۇكى، كىمدەكىم ھەققانىيلىققا ئەمەل قىلمىسا ۋە ياكى ئۆز قېرىندىشىغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتمىسە خۇدادىن ئەمەستۇر.
ئەيسانىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن ھەربىر كىشى خۇدادىن تۇغۇلغان بولىدۇ؛ ۋە تۇغدۇرغۇچى [ئاتىنى] سۆيىدىغان ھەربىر كىشى ئۇنىڭدىن تۇغۇلغۇچىنىمۇ سۆيىدۇ.
ئى سۆيۈملۈك [دوستۇم]، يامانلىقتىن ئەمەس، ياخشىلىقتىن ئۈلگە ئالغىن. ياخشىلىق قىلغۇچى خۇدادىندۇر. يامانلىق قىلغۇچى خۇدانى ھېچ كۆرمىگەندۇر.