TSK

TSK · يەشۇئا 21:39

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

چۈنكى ھەشبون ئەسلىدە ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھوننىڭ مەركىزىي شەھىرى ئىدى؛ سىھون ئەسلىدە موئابنىڭ ئىلگىرىكى پادىشاھى بىلەن سوقۇشقان، ئۇنىڭ ئارنون دەرياسىغىچە بولغان ھەممە زېمىنىنى تارتىۋالغانىدى.

تۈزلەڭلىكتىكى بارلىق شەھەرلەر ۋە ھەشبوندا سەلتەنەت قىلغان، ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى بولغان سىھوننىڭ پۈتكۈل سەلتەنىتىنىڭ زېمىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. بۇ پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ بىلەن شۇ يۇرتتا ئولتۇرۇشلۇق، [سىھونغا] بېقىنغان سەردارلار ئەۋى، رەكەم، زۇر، خۇر ۋە رەبا قاتارلىق مىدىيان ئەمىرلىرى بولسا مۇسا تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنىدى.

ھېبرون جەمەتى ئىچىدە، جەمەتنىڭ نەسەبنامىسى بويىچە يەرىيا جەمەت بېشى ئىدى. داۋۇتنىڭ سەلتەنىتىنىڭ قىرىقىنچى يىلى [نەسەبنامىلەرنى] تەكشۈرۈش ئارقىلىق گىلېئادنىڭ يائازەر دېگەن يېرىدە بۇ جەمەتتىنمۇ باتۇر ئەزىمەتلەر تېپىلدى.

ئى سىبماھتىكى ئۈزۈم تېلى، مەن يائازەرنىڭ زار-يىغىسى بىلەن تەڭ سەن ئۈچۈن يىغلايمەن؛ سېنىڭ پېلەكلىرىڭ سوزۇلۇپ، ئەسلىدە «ئۆلۈك دېڭىز»نىڭ نېرىغا يەتكەنىدى؛ ئۇلار ئەسلىدە يائازەر شەھىرىگىچىمۇ يەتكەنىدى. لېكىن سېنىڭ يازلىق مېۋىلىرىڭگە، ئۈزۈم ھوسۇلۇڭ ئۈستىگە بۇزغۇچى بېسىپ كېلىدۇ.