يەشۇئا 23:13
TSK
ئۇنداقتا سىلەرگە شۇ ئىش ئايان بولسۇنكى، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئالدىڭلاردىن بۇ ئەللەرنى ئىككىنچى قوغلاپ چىقارمايدۇ، بەلكى بۇلار سىلەرگە قاپقان ۋە قىلتاق بولۇپ، بىقىنىڭلارغا قامچا بولۇپ چۈشۈپ، كۆزۈڭلەرگە تىكەن بولۇپ سانجىلىدۇ؛ ئاخىردا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە بەرگەن بۇ ياخشى زېمىندىن مەھرۇم بولۇپ يوقىلىسىلەر.