TSK

TSK · باتۇر ھاكىملار 20:21

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

دۈشمەنلىرىڭگە قارشى جەڭگە چىقىپ چېدىر تىكسەڭ، ھەرخىل ناپاكلىقتىن ئېھتىيات قىلغىن.

ئەمدى سىلەر يەنە يەھۇدالار بىلەن يېرۇسالېملىقلارنى مەجبۇرىي ئۆزۈڭلارغا قۇل-دىدەك قىلماقچى بولۇۋاتىسىلەر. لېكىن سىلەر ئۆزۈڭلارمۇ خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھ-ئىتائەتسىزلىكلەر ئۆتكۈزدۇڭلارغۇ؟

دەرۋەقە سەن ئۇلارنى تېيىلغاق يەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرىسەن، ئۇلارنى يىقىتىپ پارە-پارە قىلىۋېتىسەن.

مەن شۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن كۆڭۈل قويدۇم؛ شۇنى بايقىدىمكى، مەيلى ھەققانىي كىشى ياكى دانا كىشى بولسۇن، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بارلىق قىلغانلىرى خۇدانىڭ قولىدىدۇر، دەپ بايقىدىم؛ ئىنسان ئۆزىگە مۇھەببەت ياكى نەپرەتنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ھېچ بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئالدىدا ھەرقانداق ئىش بولۇشى مۇمكىن.

ــ ئى ئىسرائىل، گىبېئاھنىڭ كۈنلىرىدىن باشلاپ سەن گۇناھ قىلىپ كەلدىڭ؛ ئىشلار شۇ پېتى تۇرىۋەردى؛ رەزىللىكنىڭ بالىلىرى ئۈستىگە قىلىنغان جەڭ ئۇلارنى گىبېئاھتا بېسىۋەتمىدىمۇ؟