TSK

TSK · لاۋىيلار 13:46

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

سەن ئىسرائ‍ىللارغا ئەمر قىلىپ: «سىلەر پىسە-ماخاۋ كېسىلى بىلەن ئاقما كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنى، شۇنداقلا ئۆلۈككە تېگىشى بىلەن ناپاك بولۇپ قالغان ھەممىسىنى ئەر-ئايال دېمەي بارگاھتىن چىقىرىۋېتىڭلار. بارگاھلارنى بۇلغىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇلارنى بارگاھتىن چىقىرىۋېتىڭلار؛ چۈنكى مەن بارگاھ ئوتتۇرىسىدا ماكان قىلدىم» — دېگىن، — دېدى.  

ئەمدى دەرۋازىنىڭ تۈۋىدە تۆت ماخاۋ كېسىلى بار ئادەم ئولتۇراتتى. ئۇلار بىر-بىرىگە: نېمە ئۈچۈن مۇشۇ يەردە ئۆلۈمنى كۈتۈپ ئولتۇرىمىز؟

پادىشاھ ئۇززىيانى تاكى ئۆلگۈچە ماخاۋ كېسىلى چىرمىۋالدى؛ ئۇ ماخاۋ كېسىلى بولغاچقا، ئايرىم بىر ئۆيدە تۇردى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىشتىن مەھرۇم قىلىندى. ئۇنىڭ ئوغلى يوتام ئوردىنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ، يۇرت سورىدى.

بىر كەنتكە كىرگىنىدە ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئون ئادەم ئۇنىڭغا ئۇچراپ، يىراقتا توختاپ،

مەن [ئالدىنقى] خەتتە سىلەرگە بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلار بىلەن ئارىلاشماڭلار دەپ يازغانىدىم؛

ئەمما ئەگەر ئۇشبۇ خېتىمىزدىكى سۆزلەرگە ئىتائەت قىلمايدىغان بىرسى بولسا، ئۇنىڭدىن ھەزەر ئەيلەڭلار ۋە ئۇنى خىجالەتكە قالدۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن باردى-كەلدى قىلماڭلار.

ئويغاق تۇرۇڭلاركى، ھېچكىم خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىدىن مەھرۇم قالمىسۇن؛ ئاراڭلاردا سىلەرگە ئىش تاپقۇزۇپ سىلەرنى كۆيدۈرىدىغان، شۇنداقلا كۆپ ئادەملەرنى بۇلغاپ ناپاك بولۇشقا سەۋەب بولىدىغان بىرەر ئۆچ-ئاداۋەت يىلتىزى ئۈنمىسۇن.

شەھەرنىڭ سىرتىدىكىلەر ــ ئىتلار، سېھىرگەرلەر، بۇزۇقلۇق قىلغۇچىلار، قاتىللار، بۇتپەرەسلەر، يالغانچىلىققا خۇشتار بولغانلار ۋە ئەمەل قىلغۇچىلاردۇر.