TSK

TSK · لۇقا 10:21

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

ئۆز رەقىبلىرىڭ تۈپەيلىدىن، دۈشمەن ۋە قىساسچىلارنىڭ ئاغزىنى ئېتىشكە، بوۋاقلار ۋە ئەمگۈچىلەرنىڭ ئاغزىدىن كۈچ تىكلىدىڭسەن.

پەرۋەردىگار ئۆزىدىن ئەيمىنىدىغانلار بىلەن سىرداشتۇر؛ ئۇ ئۇلارغا ئۆز ئەھدىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

شۇ كۈنىدە گاسلار شۇ يۆگىمە كىتابنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلايدىغان، قارىغۇلار زۇلمەت ھەم قاراڭغۇلۇقتىن چىقىپ كۆزلىرى كۆرىدىغان بولىدۇ؛

ئۇ ئۆزى تارتقان جاپانىڭ مېۋىسىنى كۆرۈپ مەمنۇن بولىدۇ؛ ھەققانىي بولغۇچى مېنىڭ قۇلۇم ئۆزىنىڭ بىلىملىرى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرگە ھەققانىيلىقنى يەتكۈزىدۇ. چۈنكى ئۇ ئۇلارنىڭ قەبىھلىكلىرىنى ئۆزىگە يۈكلىۋالىدۇ.  

«پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ئاسمانلار مېنىڭ تەختىم، زېمىن بولسا ئاياغلىرىمغا تەختىپەرىمدۇر، ئەمدى ماڭا قانداق ئۆي-ئىمارەت ياسىماقچىسىلەر؟ ماڭا قانداق يەر ئارامگاھ بولالايدۇ؟  

شۇ ۋاقىتلاردا، ئەيسا بۇ ئىشلارغا قاراپ مۇنداق دېدى: ــ ئاسمان-زېمىن ئىگىسى ئى ئاتا! سەن بۇ [ھەقىقەتلەرنى] دانىشمەن ۋە ئەقىللىقلاردىن يوشۇرۇپ، سەبىي بالىلارغا ئاشكارىلىغانلىقىڭ ئۈچۈن ساڭا مەدھىيىلەر ئوقۇيمەن!

ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ بەختلىكسەن، ئى يۇنۇس ئوغلى سىمون! بۇنى ساڭا ئايان قىلغۇچى ھېچ ئەت-قان ئىگىسى ئەمەس، بەلكى ئەرشتىكى ئاتامدۇر.   

مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى سەبىي بالىدەك قوبۇل قىلمىسا، ئۇنىڭغا ھەرگىز كىرەلمەيدۇ، ــ دېدى.

ئۇنى تاپقاندا يار-بۇرادەر، قولۇم-قوشنلىرىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا: «مېنىڭ بىلەن تەڭ شادلىنىڭلار، چۈنكى مەن يوقىتىپ قويغان دىنارىمنى تېپىۋالدىم» ــ دەيدۇ.

ئى ئاتا، سەن ماڭا بەرگەنلىرىڭنىڭ ھەممىسىنىڭ مەن بولغان يەردە مەن بىلەن بىرگە بولۇشىنى، شۇنداقلا مېنىڭ شان-شەرىپىمنى، يەنى سەن ئالەم ئاپىرىدە بولۇشتىن بۇرۇن مېنى سۆيگەنلىكىڭ ئۈچۈن، ماڭا بەرگەن شان-شەرەپنى ئۇلارنىڭ كۆرۈشىنى خالايمەن.

ھالبۇكى، كامالەتكە يەتكەنلەر ئارىسىدا بىز دانالىقنى بايان قىلىمىز؛ بۇ دانالىق بۇ دەۋردىكى دانالىق ئەمەس، ياكى بۇ دەۋردىكى ھۆكۈمرانلارنىڭ دانالىقى ئەمەس (ئۇلار زاۋاللىققا يۈز تۇتقاندۇر)؛

ئۇنىڭدا بىزمۇ خۇداغا مىراس قىلىنغان؛ بىز شۇ مەقسەتتە بارلىق ئىشلارنى ئەقىل-ئىرادىسى بويىچە ئىدارە قىلغۇچىنىڭ نىشانى بىلەن شۇ ئىشقا ئالدىنئالا بېكىتىلگەنىدۇق؛   

شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر بارلىق رەزىللىك، بارلىق مەككارلىق، ساختىپەزلىك، ھەسەتخورلۇق ۋە ھەممە تۆھمەتخورلۇقلارنى تاشلاپ،