كېچىدىكى غايىبانە كۆرۈنۈشلەردە مانا، مەن گويا ئىنسان ئوغلىغا ئوخشاش بىر زاتنىڭ ئاسماندىكى بۇلۇتلار بىلەن كەلگىنىنى كۆردۈم. ئۇ «ئەزەلدىن بار بولغۇچى»نىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا ھازىر قىلىندى.
TSK
TSK · لۇقا 21:27
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
ئاندىن ئىنسانئوغلىنىڭ ئالامىتى ئاسماندىن كۆرۈنىدۇ؛ يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل قەبىلىلەر يىغا-زار كۆتۈرۈشىدۇ. ئۇلار ئىنسانئوغلىنىڭ كۈچ-قۇدرەت ۋە ئۇلۇغ شان-شەرەپ ئىچىدە ئاسماندىكى بۇلۇتلار ئۈستىدە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ.
ئەيسا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: ــ شۇنداق، سېنىڭ دېگىنىڭدەك. لېكىن شۇنىمۇ سىلەرگە ئېيتايكى، بۇنىڭدىن كېيىن سىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ قادىر بولغۇچىنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرىدىغىنىنى ۋە كۆكتىكى بۇلۇتلار ئۈستىدە كېلىدىغىنىنى كۆرىسىلەر.
ئۇ بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولۇپ، ئۇلار قاراپ تۇرغاندا كۆتۈرۈلدى، بىر پارچە بۇلۇت ئۇنى ئارىغا ئالدى-دە، ئۇ ئۇلارنىڭ نەزىرىدىن غايىب بولدى.
مەن كۆردۈمكى، مانا بىر پارچە ئاق بۇلۇت، بۇلۇتنىڭ ئۈستىدە بېشىغا ئالتۇن تاج كىيگەن، قولىدا ئۆتكۈر بىر ئورغاق تۇتقان ئىنسانئوغلىغا ئوخشايدىغان بىرسى ئولتۇراتتى.