ئىبراھىم [يەنە] ئۆزىنى يەرگە ئېتىپ دۈم يېتىپ كۈلۈپ كەتتى ۋە كۆڭلىدە: «يۈز ياشقا كىرگەن ئادەممۇ بالىلىق بولالارمۇ؟ توقسان ياشقا كىرگەن ساراھمۇ بالا تۇغارمۇ؟!»، ــ دېدى.
TSK
TSK · لۇقا 6:21
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
مېنىڭ ئۇھ تارتىشلىرىمدىن ماغدۇرۇم قالمىدى؛ تۈن بويى ئورۇن-كۆرپەمنى كۆلچەك قىلىمەن؛ ياشلىرىم بىلەن كارىۋىتىمنى چۆكتۈرىمەن.
پەرۋەردىگار مېنىڭ كۈچۈم، مېنىڭ قالقىنىمدۇر؛ مېنىڭ كۆڭلۈم ئۇنىڭغا ئىشەندى، شۇنىڭ بىلەن ياردەم تاپتىم؛ شۇڭا كۆڭلۈم زور شادلىنىدۇ، ئۆز كۈيۈم بىلەن مەن ئۇنى مەدھىيىلەيمەن.
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان «ماسقىل»: ــ كېيىك ئېرىقلاردىكى سۇغا تەشنا بولغاندەك، جېنىم ساڭا تەشنادۇر، ئى خۇدا.
سەن تاللاپ ئۆزۈڭگە يېقىنلاشتۇرغان كىشى نېمىدېگەن بەختلىك! ئۇ ھويلىلىرىڭدا ماكانلىشىدۇ؛ بىزلەر سېنىڭ ماكانىڭنىڭ، يەنى مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭنىڭ بەرىكىتىدىن قانائەت تاپىمىز؛
كۆزلىرىمدىن ياش ئېرىقلىرى ئاقىدۇ، چۈنكى ئىنسانلار تەۋرات-قانۇنۇڭغا بويسۇنمايدۇ.
كۆز ياشلىرىنى ئېقىتىپ تېرىغانلار شادلىق بىلەن ئورار؛
ماتەم تۇتۇش ئۆيىگە بېرىش زىياپەت-توي ئۆيىگە بېرىشتىن ئەۋزەل؛ چۈنكى ئاشۇ يەردە ئىنساننىڭ ئاقىۋىتى ئايان قىلىنىدۇ؛ تىرىك بولغانلار بۇنى كۆڭلىگە پۈكۈشى كېرەك.
ۋە مۇشۇ تاغدا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار بارلىق قوۋملار ئۈچۈن زىياپەت قىلىدۇ ــ مايلىق يېمەكلىكلەر، سۈزدۈرۈلگەن كونا شارابلار، يىلىكى توق مايلىق يېمەكلىكلەر، سۈزدۈرۈلگەن، ياخشى ساقلانغان كونا شارابلاردىن بولغان زىياپەت بولىدۇ؛
چۈنكى مەن ئۇسساپ كەتكەننىڭ ئۈستىگە سۇنى، قاغجىراق يەرنىڭ ئۈستىگە كەلكۈنلەرنى قۇيۇپ بېرىمەن؛ نەسلىڭ ئۈستىگە روھىمنى، پەرزەنتلىرىڭ ئۈستىگە بەرىكىتىمنى قۇيىمەن؛
ھوي! بارلىق ئۇسساپ كەتكەنلەر، سۇغا كېلىڭلار! پۇلى يوقلار، كېلىڭلار، ئاش-نان سېتىۋېلىپ يەڭلار؛ مانا كېلىڭلار، نە پۇل نە بەدەل تۆلىمەيلا شاراب ھەم سۈت سېتىۋېلىڭلار؛
«رەب پەرۋەردىگارنىڭ روھى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا، چۈنكى پەرۋەردىگار مېنى ئاجىز ئېزىلگەنلەرگە خۇش خەۋەرلەر يەتكۈزۈشكە مەسىھلىگەن. ئۇ مېنى سۇنۇق كۆڭۈللەرنى ياساپ ساقايتىشقا، تۇتقۇنلارغا ئازادلىقنى، چۈشەپ قويۇلغانلارغا زىنداننىڭ ئېچىۋېتىلىدىغانلىقىنى جاكارلاشقا ئەۋەتتى؛
يېرۇسالېم بىلەن بىللە شاد-خۇراملىقتا بولۇڭلار؛ ئۇنى سۆيگۈچىلەر، ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇشاللىنىڭلار! ئۇنىڭ ئۈچۈن قايغۇ-ھەسرەت چەككەنلەر، ئۇنىڭ بىلەن بىللە شادلىق بىلەن شادلىنىڭلار!
بۇنى ئاڭلىمىساڭلار، سىلەرنىڭ ھاكاۋۇرلۇقۇڭلار تۈپەيلىدىن جېنىم يوشۇرۇنچە يىغلايدۇ؛ ئاچچىق يىغلاپ كۆز ياشلىرىم ئېقىپ تاشىدۇ؛ چۈنكى سىلەر، ئى پەرۋەردىگارنىڭ پادىسى، سۈرگۈن قىلىنىسىلەر.
شۇ چاغدا قىزلار ئۇسسۇلدا شادلىنىدۇ، يىگىتلەر ۋە مويسىپىتلارمۇ تەڭ شۇنداق بولىدۇ؛ چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ ئاھ-زارلىرىنى شاد-خۇراملىققا ئايلاندۇرىمەن؛ مەن ئۇلارغا تەسەللى بېرىپ، دەرد-ئەلىمىنىڭ ئورنىغا ئۇلارنى شادلىققا چۆمدۈرىمەن.
چۈنكى مەن ھېرىپ كەتكەن جان ئىگىلىرىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىمەن، ھەربىر ھالىدىن كەتكەن جان ئىگىلىرىنى يېڭىلاندۇرىمەن.
شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن، يەنى يېرۇسالېمنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ، شەھەر ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن بارلىق يىرگىنچلىك ئىشلار تۈپەيلىدىن ئاھ-نادامەت چەككەن كىشىلەرنىڭ پېشانلىرىگە بىر بەلگە سالغىن، ــ دېدى.
مۇبارەك، ھەققانىيلىققا ئاچ ۋە تەشنالار! چۈنكى ئۇلار تولۇق تويۇنىدۇ.
ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي قارنى تويۇنغانلار! چۈنكى سىلەر ئاچ قالىسىلەر. ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي كۈلۈۋاتقانلار! چۈنكى ھازا تۇتۇپ يىغلايسىلەر.
ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ ھاياتلىق نېنى ئۆزۈمدۇرمەن! مېنىڭ يېنىمغا كەلگەن ھەركىم ھېچقاچان ئاچ قالمايدۇ، ماڭا ئېتىقاد قىلغان ھەركىم ھېچقاچان ئۇسسىمايدۇ.
ئەيسا كۆز يېشى قىلدى.
مەن مەسىھتە ھەقىقەتنى سۆزلەيمەن، يالغان گەپ ئېيتمايمەن، ۋىجدانىم مۇقەددەس روھنىڭ ئىلكىدە بولۇپ ئۆزەمگە گۇۋاھلىق قىلماقتا ــ
بىز ئۇچرىغان ھەرقانداق جاپا-مۇشەققەتتە ئۇ بىزگە رىغبەت-تەسەللى بېرىۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىز خۇدا تەرىپىدىن رىغبەتلەندۈرۈلگەن بولۇپ ئۇ بىزگە يەتكۈزگەن رىغبەت-تەسەللى بىلەن ھەرقانداق باشقا جاپا-مۇشەققەتكە ئۇچرىغانلارغا رىغبەت-تەسەللى بېرەلەيدىغان بولدۇق.
چۈنكى خۇدانىڭ يولىدا بولغان ئازاب-قايغۇ ئادەمنى ھەرگىز پۇشايمان قىلمايدىغان نىجاتقا باشلايدىغان توۋىغا ئېلىپ بارىدۇ؛ ئەمما بۇ دۇنيادىكى ئازاب-قايغۇ ئادەمنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ.
شۇڭا مەن مەسىھ ئۈچۈن ئاجىزلىقلارنى، ھاقارەتلەرنى، قىيىنچىلىقلارنى، زىيانكەشلىكلەرنى ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى خۇرسەنلىك دەپ بىلىمەن. چۈنكى قاچان ئاجىز بولسام، شۇ چاغدا كۈچلۈك بولىمەن.
سىناقلارغا [سەۋرچانلىق بىلەن] بەرداشلىق بەرگەن كىشى نەقەدەر بەختلىك-ھە! چۈنكى ئۇ سىناقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، [خۇدا] ئۆزىنى سۆيگەنلەرگە ۋەدە قىلغان ھايات تاجىغا مۇيەسسەر بولىدۇ.
ئۇلار يەنە ھېچ ئاچ قالمايدۇ، ھېچ ئۇسسىمايدۇ، ئۇلارغا نە ئاپتاپ، نە پىژىغىرىم ئىسسىق ھېچ ئۇرمايدۇ.