TSK

TSK · لۇقا 7:21

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

ئەگەر زېمىندا ئاچارچىلىق يا ۋابا بولسا، يا زىرائەتلەر دان ئالمىسا يا ھال چۈشسە يا ئۇنى چېكەتكىلەر ياكى چېكەتكە لىچىنكىلىرى بېسىۋالسا، يا دۈشمەنلەر ئۇلارنىڭ زېمىندىكى شەھەرلىرىنىڭ قوۋۇقلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ قورشىۋالسا، يا ھەرقانداق ئاپەت يا كېسەللىك بولسا،

ۋە ئەيسا گالىلىيەنىڭ ھەممە يېرىنى كېزىپ، ئۇلارنىڭ سىناگوگلىرىدا تەلىم بېرىپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ خۇش خەۋىرىنى جاكارلايتتى، خەلق ئارىسىدا ھەرخىل كېسەللەرنى ۋە ئاجىز-مېيىپلارنى ساقايتتى.

خۇن شۇئان توختاپ، ئايال كېسەل ئازابىدىن ساقايتىلغانلىقىنى ئۆز تېنىدە سەزدى.

بۇ سەۋەبتىن ئاراڭلاردىكى نۇرغۇن ئادەملەر زەئىپلىشىپ كېسەل بولدى، ھەتتا خېلى بىر قىسمى [ئۆلۈمدە] ئۇخلاپ قالدى.

ئاراڭلاردا ئاغرىق-سىلاقلار بارمۇ؟ ئۇلار جامائەتنىڭ ئاقساقاللىرىنى چاقىرتىپ كەلسۇن؛ ئۇلار رەبنىڭ نامىدا ئۇنىڭ [بېشىغا] ماي سۈرۈپ مەسىھ قىلىپ دۇئا قىلسۇن.