TSK

TSK · ماركۇس 12:2

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

پەرۋەردىگار ھەممە پەيغەمبەرلەر بىلەن ھەممە ئالدىن كۆرگۈچىلەرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ھەم ئىسرائىلنى ھەم يەھۇدانى ئاگاھلاندۇرۇپ: رەزىل يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا تاپىلانغان ۋە قۇللىرىم بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق سىلەرگە تەستىقلىغان پۈتۈن قانۇنغا بويسۇنۇپ، مېنىڭ ئەمرلىرىم ۋە مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتۇڭلار، دېگەنىدى.   

ۋە پەرۋەردىگار سىلەرگە بارلىق خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ كەلگەن؛ ئۇ تاڭ سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇلارنى ئەۋەتىپ كەلگەن؛ لېكىن سىلەر قۇلاق سالماي ھېچ ئاڭلىمىدىڭلار.

مەن تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ قۇللىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنى سىلەرگە ئەۋەتىپ: «مەن نەپرەتلىنىدىغان بۇ يىرگىنشلىك ئىشنى قىلغۇچى بولماڭلار!» ــ دەپ ئاگاھلاندۇرغانمەن.

شۇڭا سەن ئۇلارغا: «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار: ــ «مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كېلىڭلار، مەن سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا قايتىپ كېلىمەن» دەيدۇ»، ــ دېگىن.

ئۈزۈم پەسلى يېقىنلاشقاندا، ئۆزىگە تېگىشلىك ھوسۇلنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن قۇللىرىنى باغۋەنلەرنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپتۇ.

ئۈزۈملەرنى يىغىدىغان مەزگىل كەلگەندە باغۋەنلەرنىڭ ئۈزۈمزارلىقتىكى مېۋىدىن ئۇنىڭغا بېرىشكە قۇللىرىدىن بىرىنى ئۇلارىنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپتۇ. لېكىن باغۋەنلەر ئۇنى ئۇرۇپ-دۇمبالاپ قۇرۇق قول ياندۇرۇۋېتىپتۇ.

خۇدا بۇرۇنقى زامانلاردا ئاتا-بوۋىلارغا پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق تۈركۈم-تۈركۈم بويىچە ۋە نۇرغۇن يوللار بىلەن سۆز قىلغان بولۇپ،