TSK

TSK · ماركۇس 12:29

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

ئەمدى، ئى ئىسرائىل، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سەندىن نېمە تەلەپ قىلىدۇ؟ ــ ھالىڭ ياخشى بولسۇن دەپ مېنىڭ بۈگۈن سىلەرگە مۇشۇ تاپىلىغانلىرىمدىن باشقا نەرسىنى تەلەپ قىلارمۇ؟ ــ ئۇنىڭ تەلەپ قىلغىنى بولسا پەرۋەردىگار خۇدايىڭدىن قورقۇپ، ئۇنىڭ كۆرسەتكەن بارلىق يوللىرىدا مېڭىپ، ئۇنى سۆيۈپ، پۈتكۈل قەلبىڭ ۋە پۈتكۈل جېنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرى ۋە بەلگىلىمىلىرىنى تۇتۇشتىن ئىبارەت ئەمەسمۇ؟

ئى ئوغلۇم، قەلبىڭنى ماڭا تاپشۇر؛ كۆزلىرىڭمۇ ھاياتلىق يوللىرىمغا تىكىلسۇن!

يەر يۈزىدە ھېچقانداق كىشىنى «ئاتام» دېمەڭلار، چۈنكى پەقەت بىرلا ئاتاڭلار، يەنى ئەرشتە تۇرغۇچى باردۇر.   

ھېلىقى كىشى جاۋابەن: ــ «پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ، پۈتۈن كۈچۈڭ ۋە پۈتۈن زېھنىڭ بىلەن سۆيگىن»؛ ۋە «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي» ــ دېدى.  

خوش، ئەمدى «بۇتلارغا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان تائاملار» توغرۇلۇق ــ بىزگە مەلۇمكى، «جاھاندا بۇت دېگەن ھېچنېمە ھېسابلانمايدۇ»، ۋە «بىرلا خۇدادىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر».  

ئەمدىلىكتە بىزگە تاپىلانغان تەلىمنىڭ مۇددىئاسى ساپ قەلب، پاك ۋىجدان ۋە ساختىلىقسىز ئېتىقادتىن كېلىپ چىقىدىغان مېھىر-مۇھەببەتتىن ئىبارەتتۇر.

ــ سەن «خۇدا بىر» دەپ ئىشىنىسەن ــ بارىكاللا! لېكىن ھەتتا جىنلارمۇ شۇنىڭغا ئىشىنىدۇ، شۇنداقلا قورقۇپ دىر-دىر تىترەيدۇغۇ!