TSK

TSK · ماركۇس 12:44

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

ھېچكىم يارغۇنچاق ياكى تۈگمەننىڭ ئۈستى تېشىنى كاپالەتكە ئالمىسۇن؛ چۈنكى بۇ ئىش بىرسىنىڭ ھاياتىنى كاپالەتكە ئالغاندەك بولىدۇ.

بارلىق ئەمەلدارلار ۋە بارلىق خەلق خۇشال ھالدا باجنى ئەكىلىپ ساندۇق تولغۇچە ئۇنىڭغا تاشلىدى.

يوسىيا شۇ يەردە ھازىر بولغان بارلىق خەلق-پۇقرالارنىڭ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاتىغان قۇربانلىقى بولسۇن دەپ، جەمئىي ئوتتۇز مىڭ قوزا ۋە ئوغلاق، ۋە يەنە ئۈچ مىڭ بۇقا ھەدىيە قىلدى؛ بۇ ماللارنىڭ ھەممىسى پادىشاھنىڭ مېلىدىن چىقىرىلغانىدى.

جەمەت كاتتىۋاشلىرىدىن بەزىلىرى [ئىبادەتخانا] قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ھەدىيەلىرىنى تەقدىم قىلدى؛ ۋالىي خەزىنىگە مىڭ دارىك ئالتۇن، ئەللىك داس ۋە بەش يۈز ئوتتۇز قۇر كاھىن تونى تەقدىم قىلدى؛

ئارىسىدا خۇن تەۋرەش كېسىلىگە گىرىپتار بولغىنىغا ئون ئىككى يىل بولغان بىر ئايال بار ئىدى؛ ئۇ بار-يوقىنى تېۋىپلارغا خەجلەپ تۈگەتكەن بولسىمۇ، ھېچقايسىسىدىن شىپا تاپمىغانىكەن.

لېكىن سېنىڭ مال-مۈلۈكلىرىڭنى پاھىشىلەرگە خەجلەپ تۈگەتكەن بۇ ئوغلۇڭ قايتىپ كەلگەندە، سەن ئۇنىڭ ئۈچۈن بورداق تورپاقنى سويۇپسەن» ــ دەپتۇ.

ئۇلار زور ئېغىر جاپا-مۇشەققەتتە سىنالغىنىدا، قاتتىق نامرات ئەھۋالدا ئېشىپ تاشقان شادلىقى بىلەن ئۇلارنىڭ ئوچۇق قوللۇقىنىڭ بايلىقى ئۇرغۇپ چىقتى؛

ئەمما كىمكى بۇ دۇنيادا مال-مۈلكى تۇرۇپ، قېرىندىشىنىڭ موھتاجلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا كۆكسى-قارنىنى ئاچمىسا، بۇنداق كىشىدە نەدىمۇ خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى بولسۇن؟