شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھوننىڭ پادىشاھلىقى بىلەن باشاننىڭ پادىشاھى ئوگنىڭ پادىشاھلىقىنى، زېمىن ۋە تەۋەسىدىكى شەھەرلەرنى، ئەتراپىدىكى شەھەرلەر بىلەن قوشۇپ، ھەممىسىنى گادنىڭ ئەۋلادلىرىغا، رۇبەننىڭ ئەۋلادلىرىغا ۋە يۈسۈپنىڭ ئوغلى ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىگە بەردى.
TSK
TSK · ماركۇس 3:8
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
ئېبرون، رەھوب، ھاممون ۋە كاناھنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ چوڭ زىدونغا يېتىپ باردى.
«مېنى تونۇپ بىلگەنلەر ئارىسىدا راھاب بىلەن بابىلنى تىلغا ئالىمەن؛ مانا فىلىستىيە، تۇر بىلەن ئېفىئوپىيە؛ مانا بۇ ئادەم شۇ يەردە تۇغۇلغان» ــ دەيمەن.
چۈنكى شەمشىرىم ئاسمانلاردا [قان بىلەن] سۇغۇرۇلدى؛ قاراڭلار، شەمشىرىم مېنىڭ ھالاكەت لەنىتىمگە ئۇچرىغان خەلققە، يەنى ئېدوم ئۈستىگە جازالاش ئۈچۈن چۈشىدۇ؛
ئىسرائىل جەمەتىنىڭ مىراسى ۋەيران قىلىنغاندا بۇنىڭدىن سەن شادلانغىنىڭدەك، مەنمۇ ساڭا شۇنداق قىلىمەن؛ سەنمۇ، ئى سېئىر تېغى ۋە بارلىق ئېدوم ــ سىلەرنىڭ بارلىقىڭلار ۋەيرانە بولىدۇ؛ ۋە [ئېدومىيلار] مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ».
ــ مەن سىلەرنى سۆيۈپ كەلدىم ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ بىراق سىلەر: «سەن بىزنى قانداقمۇ سۆيۈپ كەلدىڭ؟» ــ دەيسىلەر. ئەساۋ ياقۇپقا ئاكا بولغان ئەمەسمۇ؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ بىراق ياقۇپنى سۆيدۈم،
ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، تۇر ۋە زىدون ئەتراپىدىكى رايونلارغا باردى ۋە بىر ئۆيگە كىردى. گەرچە ئۇ بۇنى ھېچكىم بىلمىسۇن دېگەن بولسىمۇ، لېكىن يوشۇرۇپ قالالمىدى.