TSK

TSK · ماركۇس 4:22

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

بۈيۈك جامائەت ئارىسىدا تۇرۇپ مەن ھەققانىيلىقنى جاكارلىدىم؛ مانا بۇلارنى ئۆزۈمدە قىلچە ئېلىپ قالغۇم يوقتۇر، ئى پەرۋەردىگار، ئۆزۈڭ بىلىسەن.

چۈنكى ئادەم قىلغان ھەربىر ئىش، جۈملىدىن بارلىق مەخپىي ئىشلار، ياخشى بولسۇن، يامان بولسۇن، خۇدا ئۇلارنىڭ سورىقىنى قىلىدۇ.

چۈنكى يوشۇرۇلغان ھېچقانداق ئىش ئاشكارىلانماي قالمايدۇ، ۋە ھېچقانداق مەخپىي ئىش ئايان بولماي، يورۇقلۇققا چىقماي قالمايدۇ.

شۇڭا ۋاقتى-سائىتى كەلمىگۈچە، يەنى رەب كەلمىگۈچە ھېچ ئىش توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقارماڭلار؛ رەب كەلگەندە ئۇ قاراڭغۇلۇقتىكى يوشۇرۇن ئىشلارنى ئاشكارىلايدۇ، قەلب-دىللاردىكى بارلىق ئوي-نىيەتلەرنى ئايان قىلىدۇ؛ شۇ چاغدا ھەربىرى خۇدا تەرىپىدىن تەرىپلىنىدۇ.