TSK

TSK · ماركۇس 4:41

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

پەقەت سىلەر پەرۋەردىگاردىن قورقۇپ پۈتكۈل كۆڭۈللىرىڭلار ۋە ھەقىقەت بىلەن ئۇنىڭ ئىبادىتىدە بولۇڭلار؛ چۈنكى سىلەر ئۈچۈن قىلغان ئۇلۇغ كارامەتلەرگە قاراڭلار!

تەڭرىنىڭ ھەيۋىسى مۇقەددەسلەرنىڭ مەجلىسىدىكىلەرنى قاتتىق تىترىتىدۇ، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن ئۇ قورقۇنچلۇقتۇر.

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يۇنۇسنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ دېڭىزغا تاشلىۋەتتى؛ دېڭىز دولقۇنلىنىشتىن شۇئان توختىدى.

مۇخلىسلار ئىنتايىن ھەيران بولۇپ، بىر-بىرىگە: ــ بۇ زادى قانداق ئادەمدۇ؟ ھەتتا بوران-چاپقۇنلار ۋە دېڭىزمۇ ئۇنىڭغا بويسۇنىدىكەن-ھە! ــ دەپ كېتىشتى.

ئۆزىدە نېمە ئىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى سەزگەن ئايال قورقۇپ-تىترىگەن ھالدا كېلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا يىقىلدى ۋە ئۇنىڭغا ھەقىقىي ئەھۋالنى پۈتۈنلەي ئېيتتى.

ھەممەيلەن بۇنىڭدىن قاتتىق ھەيران بولۇشۇپ، بىر-بىرىگە: ــ بۇ زادى قانداق ئىش! ئۇ دەرۋەقە ھوقۇق ۋە قۇدرەت بىلەن ناپاك روھلارغا ئەمر قىلسىلا، ئۇلار چىقىپ كېتىدىكەن، ــ دېيىشتى.

شۇنىڭ ئۈچۈن، تەۋرەتكىلى بولمايدىغان بىر پادىشاھلىققا مۇيەسسەر بولۇپ، مېھىر-شەپقەتنى چىڭ تۇتۇپ بۇ ئارقىلىق ئىخلاسمەنلىك ۋە ئەيمىنىش-قورقۇنچ بىلەن خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان ئىبادەتلەرنى قىلايلى.