TSK

TSK · ماركۇس 6:30

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

ئون ئىككى روسۇلنىڭ ئىسىملىرى تۆۋەندىكىچە: ئاۋۋال پېترۇس دەپمۇ ئاتىلىدىغان سىمون ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى ئاندىرىياس، ئاندىن زەبەدىينىڭ ئوغلى ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى يۇھاننا،

تاڭ ئاتقاندا، مۇخلىسلىرىنى ئالدىغا چاقىرىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئون ئىككىيلەننى تاللاپ، ئۇلارنى روسۇل دەپ ئاتىدى.

يەتمىش مۇخلىس خۇشال-خۇراملىق ئىچىدە قايتىپ كېلىپ: ــ ئى رەب! ھەتتا جىنلارمۇ سېنىڭ نامىڭ بىلەن بىزگە بويسۇنىدىكەن! ــ دەپ مەلۇم قىلدى.

ئەمدى ۋاقتى-سائىتى كەلگەندە، ئەيسا داستىخاندا ئولتۇردى؛ ئون ئىككى روسۇل ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئولتۇرۇشتى.

ئى [ھۆرمەتلىك] تېئوفىلوس، مەن دەسلەپ يازغان بايان ئەيسا ئۆزى تاللىغان روسۇللارغا مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ئەمرلەرنى تاپشۇرۇپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەن كۈنگۈچە بولغان ئۇنىڭ بارلىق ئەمەللىرى ھەم بارلىق تەلىم بېرىشلىرىنىڭ باشلانمىسى توغرىسىدا ئىدى.  

ئۇلار كەلگەندىن كېيىن، ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ مەن ئاسىيا ئۆلكىسىگە ئاياغ باسقان بىرىنچى كۈندىن تارتىپ، سىلەر بىلەن قانداق ئۆتكەنلىكىم ھەربىرىڭلارغا مەلۇم.

شۇنىڭدەك ياش ئەرلەرنىمۇ سالماق بولۇشقا جېكىلىگىن.