TSK

TSK · ماركۇس 7:4

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

قوللىرىمنى گۇناھسىزلىقتا يۇيىمەن؛ شۇندا، قۇربانگاھىڭنى ئايلىنىپ يۈرەلەيمەن.

ــ «ئى يېرۇسالېم، ئۆز قۇتۇلۇشۇڭ ئۈچۈن قەلبىڭنى رەزىللىكتىن يۇيۇۋەت؛ قاچانغىچە كۆڭلۈڭگە بىھۇدە ئوي-خىياللارنى پۈكۈپ تۇرىسەن؟

پىلاتۇس سۆزلىۋېرىشنىڭ بىھۇدە ئىكەنلىكىنى، بەلكى بۇنىڭ ئورنىغا مالىمانچىلىق چىقىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، سۇ ئېلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا قولىنى يۇغاچ: ــ بۇ ھەققانىي ئادەمنىڭ قېنىغا مەن جاۋابكار ئەمەسمەن، بۇنىڭغا ئۆزۈڭلار مەسئۇل بولۇڭلار! ــ دېدى.

ئەمدى شۇ يەردە يەھۇدىيلارنىڭ تاھارەت ئادىتى بويىچە ئىشلىتىلىدىغان، ھەربىرىگە ئىككى-ئۈچ تۇڭدىن سۇ سىغىدىغان ئالتە تاش كۈپ قويۇلغانىدى.

ئۇلار پەقەت يېمەك-ئىچمەكلەر ۋە بويىنى سۇغا سېلىشنىڭ تۈرلۈك رەسمىيەتلىرىگە باغلىق بولۇپ، [قانۇن-تۈزۈم] تۈزۈتۈلۈش ۋاقتى كەلگۈچىلىك كۈچكە ئىگە قىلىنغان، ئىنسانلارنىڭ ئەتلىرىگىلا باغلىق بولغان بەلگىلىمە-نىزاملاردۇر.

لېكىن ئۇ ئۆزى نۇردا بولغىنىدەك بىزمۇ نۇردا ماڭساق، ئۇنداقتا بىزنىڭ بىر-بىرىمىز بىلەن سىرداش-ھەمدەملىكىمىز بولۇپ، ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ قېنى بىزنى بارلىق گۇناھتىن پاكلايدۇ.