پەرۋەردىگار ھەرىكەتكە كېلىش ۋاقتى كەلدى! چۈنكى ئۇلار تەۋرات-قانۇنۇڭنى بىكار قىلىۋېتىدۇ.
TSK
TSK · ماركۇس 7:9
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
ۋە رەب مۇنداق دەيدۇ: ــ «مۇشۇ خەلق ئاغزى بىلەن ماڭا يېقىنلاشقاندا، تىلى بىلەن مېنى ھۆرمەتلىگەندە، بىراق قەلبى بولسا مەندىن يىراق تۇرغاچقا، مەندىن بولغان قورقۇشى بولسا، پەقەت ئىنسان بالىسىنىڭ پەتىۋالىرىدىنلا بولىدۇ، خالاس؛
ئۇ ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىغا قارشى كۇپۇرلۇق سۆزلەرنى قىلىدۇ ھەمدە ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرىنى ھالسىزلاندۇرىدۇ. ئۇ كالېندارنى، ھېيت-ئايەملەرنى ۋە مۇقەددەس قانۇنلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشنى قەستلەيدۇ. خۇدانىڭ مۇقەددەس بەندىلىرى «ئۈچ يېرىم ۋاقىت» ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا تاپشۇرۇلىدۇ.
لېكىن ئۇ ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ سىلەرچۇ، سىلەر نېمىشقا ئەنئەنىمىزنى ساقلايمىز دەپ خۇدانىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىسىلەر؟
شۇنداق قىلىپ، سىلەر [ئەۋلادلىرىڭلارغا] تاپشۇرغان ئەنئەنەڭلەرنى دەپ خۇدانىڭ ئەمرىنى يوققا چىقىرىۋەتتىڭلار، ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كۆپ ئىشلارنى قىلىسىلەر.
مەن خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى بىكار قىلىۋەتمەيمەن؛ چۈنكى ھەققانىيلىق تەۋرات قانۇنى ئارقىلىق كېلىدىغان بولسا، مەسىھنىڭ ئۆلۈشى بىكاردىن-بىكار بولۇپ قالاتتى.