TSK

TSK · ماركۇس 8:12

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

ئۇ كىشىلەر تەرىپىدىن كەمسىتىلىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭدىن يىراقلىشىدۇ؛ ئۇ كۆپ دەرد-ئەلەملىك ئادەم بولۇپ، ئۇنىڭغا ئازاب-ئوقۇبەت يار بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدىن يۈزلەر قاچۇرۇلىدۇ؛ ئۇ كەمسىتىلىدۇ، بىز ئۇنى ھېچ نەرسىگە ئەرزىمەس دەپ ھېسابلىدۇق.  

رەزىل ھەم زىناخور بۇ دەۋر «مۆجىزىلىك بىر ئالامەت»نىڭ كۆرىستىلىشىنى ئىستەپ يۈرىدۇ. بىراق بۇ [دەۋردىكىلەرگە] «يۇنۇس پەيغەمبەردە كۆرۈلگەن مۆجىزىلىك ئالامەت»دىن باشقا ھېچقانداق مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرسىتىلمەيدۇ. ئاندىن ئۇ ئۇلارنى تاشلاپ چىقىپ كەتتى.  

ۋە ئۇ ئۇلارنىڭ ئىمان-ئىشەنچسىزلىكىدىن ھەيران قالدى.

ئۇ جاۋابەن: ــ ئەي ئېتىقادسىز دەۋر، سىلەر بىلەن قاچانغىچە تۇراي؟! مەن سىلەرگە يەنە قاچانغىچە سەۋر قىلاي؟ ــ بالىنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار ــ دېدى.

بىراق ئىبراھىم جاۋاب بېرىپ ئۇنىڭغا: «ئۇلاردا مۇسا ۋە [باشقا] پەيغەمبەرلەرنىڭ [ئاگاھ-گۇۋاھلىقى] بار؛ ئۇلار شۇلارنى ئاڭلىسۇن» ــ دېدى.

ئۇنىڭدىن: ــ ئېيتە، سەن مەسىھمۇ؟ ــ دەپ سوراشتى. ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن: ــ سىلەرگە ئېيتساممۇ، قەتئىي ئىشەنمەيسىلەر.

گەرچە ئۇ ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا شۇنچە تولا مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئۇلار تېخى ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلمىدى.