سامۇئىل پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنىنى ئادا قىلىپ بەيت-لەھەمگە باردى. يېتىپ كەلگەندە شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرى تىترىگەن ھالدا چىقىپ: ــ بىزگە تىنچ-ئامانلىق ئېلىپ كەلدىڭمۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
TSK
TSK · ماتتا 21:10
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
«بوزراھ شەھىرىدىن چىققان، ئۈستىبېشى قېنىق قىزىل رەڭلىك، كىيىم-كېچەكلىرى قالتىس-كارامەت، زور كۈچ بىلەن قول سېلىپ مېڭىۋاتقان، ئېدومدىن مۇشۇ يەرگە كېلىۋاتقۇچى كىم؟» «ھەققانىيلىق بىلەن سۆزلىگۈچى مەن، قۇتقۇزۇشقا كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە بولغۇچىدۇرمەن».
تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەر كۆڭۈللىرىدە: ــ بۇنداق كۇپۇرلۇق سۆزلىگەن بۇ ئادەم كىمدۇر؟! خۇدادىن باشقا گۇناھلارنى كەچۈرەلەيدىغان كىم بار؟ ــ دەپ ئويلاشتى.
ھېرود: «مەن يەھيانىڭ كاللىسىنى ئالدۇرغانىدىم، ئەمدى مەن مۇشۇ گېپىنى ئاڭلاۋاتقان زات زادى كىمدۇ؟» ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنى كۆرۈش پۇرسىتىنى ئىزدىدى.
شۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلار ئۇ ئىشلارغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ ئۇنىڭدىن: ــ بۇنداق ئىشلارنى قىلغانىكەنسەن، قېنى، بىزگە نېمە مۆجىزىلىك ئالامەتنى كۆرسىتىپ بېرىسەن؟! ــ دەپ سورىدى.
ــ ئى رەب، سەن كىمسەن؟ ــ دەپ سورىدى ئۇ. ئاۋاز: ــ مەن سەن زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان ئەيسادۇرمەن.