ئەمدى سىلەر نېمە كۆرگىلى باردىڭلار؟ بىر پەيغەمبەرنىمۇ؟ دۇرۇس، ئەمما مەن شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، [بۇ بولسا] پەيغەمبەردىنمۇ ئۈستۈن بىر بولغۇچىدۇر.
TSK
TSK · ماتتا 21:26
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
ئۇنى تۇتۇش يولىنى ئىزدىگەن بولسىمۇ، لېكىن خالايىق ئۇنى پەيغەمبەر دەپ قارىغاچقا، ئۇلاردىن قورقۇشتى.
ئەگەر: «ئىنسانلاردىن كەلگەن» دېسەك،... بولمايدۇ! ــ دېيىشتى (كۆپچىلىك يەھيانى پەيغەمبەر دەپ قارىغاچقا، ئۇلار خەلقتىن قورقاتتى).
ئەگەر: «ئىنسانلاردىن كەلگەن» دېسەك، بۇ بارلىق خالايىق بىزنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىدۇ. چۈنكى ئۇلار يەھيانىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈلگەن، ــ دېيىشتى.
باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ئۇنى ئۆلۆمگە مەھكۇم قىلىشقا ئامال ئىزدەپ يۈرەتتى؛ چۈمكى ئۇلار خەلقتىن قورقاتتى.
ئاتا-ئانىسىنىڭ شۇنداق دېيىشى يەھۇدىيلاردىن قورققانلىقى ئۈچۈن ئىدى؛ چۈنكى يەھۇدىيلار كىمدەكىم ئەيسانى مەسىھ دەپ ئېتىراپ قىلسا، ئۇ سىناگوگ جامائىتىدىن قوغلاپ چىقىرىلسۇن دەپ قارار قىلغانىدى.
بۇنىڭ بىلەن، ھېلىقى قاراۋۇللار باشلىقى سىپاھلىرىنى باشلاپ بېرىپ، [روسۇللارنى] ئېلىپ كەلدى. بىراق ئۇلار خالايىق بىزنى چالما-كېسەك قىلىشى مۇمكىن دەپ قورقۇپ، ئۇلارغا زورلۇق ئىشلەتمىدى.