TSK

TSK · چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 21:23

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

لېكىن ئېدوملار ئۇنىڭغا: «سىلەرنىڭ بىزنىڭ زېمىنىمىزدىن ئۆتۈشۈڭلەرگە بولمايدۇ، ئۆتىمەن دېسەڭلار قىلىچ كۆتۈرۈپ سىلەرگە جەڭگە چىقىمىز» — دېدى.

لېكىن ھەشبوننىڭ پادىشاھى سىھوننىڭ بىزنىڭ ئۇ يەردىن ئۆتۈشىمىزگە يول قويغۇسى يوق ئىدى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۇنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا تاپشۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ روھ-قەلبىنى قاتتىق، كۆڭلىنى جاھىل قىلىۋەتكەن (بۈگۈنكى ئەھۋال دەرۋەقە شۇنداق).

مۇسا ۋە ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندا ئامورىيلارنىڭ ھەشبون شەھىرىدە تۇرۇشلۇق پادىشاھى سىھوننى ئۆلتۈرگەنىدى؛ مۇسا بۇ ئەمرلەرنى سىھوننىڭ زېمىنىدا، ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپىدە، بەيت-پېئورنىڭ ئۇدۇلىدىكى ۋادىدا ئىسرائىللارغا جاكارلىغان.   

لېكىن سىھون ئىسرائىلغا ئىشەنچ قىلالماي، يۇرتىدىن ئۆتكىلى قويمىدى؛ ئۇ بەلكى خەلقلىرىنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ، جاھزاھ دېگەن جايغا چۈشۈپ چېدىرگاھ تىكىپ، ئىسرائىل بىلەن ئۇرۇشتى.

چۈنكى نالە-پەريادلار ھەشبوندىن كۆتۈرۈلۈپ، ياھازغىچە ۋە ئېلېئالاھغىچە يېتىدۇ؛ نالە ئاۋازلىرى زوئاردىن كۆتۈرۈلۈپ، ھورونائىمغىچە ۋە ئەگلات-شېلىشىياغىچە يېتىدۇ؛ ھەتتا نىمرىمدىكى سۇلارمۇ قۇرۇپ كېتىدۇ.