TSK

TSK · چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 29:39

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كەلتۈرۈلگەن ئىناقلىق قۇربانلىقى توغرىسىدىكى قائىدە-نىزام مۇنداق: ــ

بىرسى كالىلاردىن ياكى ئۇششاق مالدىن ئۆز قەسەملىرىگە باغلىق قۇربانلىق ياكى ئىختىيارىي قۇربانلىقنى سۇنۇپ، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئىناقلىق قۇربانلىقى قىلماقچى بولسا، سۇنۇلغان ھايۋان قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن بېجىرىم بولۇشى كېرەك؛ ئۇنىڭ ھېچقانداق ئەيىبى بولمىسۇن.

ئۇ كۈندە ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماڭلار؛ چۈنكى ئۇ بىر كافارەت كۈنى بولۇپ، شۇ كۈن ئۆزۈڭلار ئۈچۈن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ئالدىدا كافارەت قىلىنىشقا بېكىتىلگەندۇر.

شۇلار بولسا قەسەم ئىچكەن نازارىي توغرىسىدا، ئۆزىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاشتا سۇنۇش زۆرۈر بولغان قۇربانلىق-ھەدىيەلەر توغرىسىدا بېكىتىلگەن قانۇن-بەلگىلىمىدۇر؛ شۇنىڭدەك ئۇنىڭ قولى نېمىگە يەتسە شۇنى سۇنسىمۇ بولىدۇ؛ ئۇ ئىچكەن قەسىمى بويىچە، يەنى ئۆزىنى خۇداغا ئاتاش ۋەدىسى توغرۇلۇق شۇ نىزام-بەلگىلىمە بويىچە ھەممە ئىشنى ئادا قىلسۇن؛ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلسۇن.

شۇ يەرگە سىلەر كۆيدۈرمە ۋە ئىناقلىق قاتارلىق قۇربانلىقىڭلارنى، مەھسۇلاتلىرىڭلاردىن ئوندىن بىرى بولغان ئۆشرىلەرنى، قولۇڭلاردىكى كۆتۈرمە ھەدىيەلەرنى، قەسەمگە باغلىق ھەدىيەلەرنى، ئىختىيارىي ھەدىيەلەرنى ۋە قوي-كالا پادىلىرىڭلارنىڭ تۇنجى بالىلىرىنى ئەكىلىسىلەر؛

پادىشاھ يەنە ئۆز مېلىدىن بىر ئۈلۈشنى ئېلىپ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ئۈچۈن ئىشلىتىشكە بۇيرۇدى؛ بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات قانۇنىدا پۈتۈلگىنى بويىچە ئەتىگەنلىك ۋە كەچلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، شابات كۈنى، يېڭى ئاي ۋە ھېيت-بايرام كۈنلىرىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ئۈچۈن ئايرىلدى.

ئۇلار يەنە [مۇقەددەس قانۇندا] پۈتۈلگىنى بويىچە «كەپىلەر ھېيتى»نى ئۆتكۈزۈپ، ھەر كۈنى بەلگىلەنگەن تەلەپكە مۇۋاپىق سان بويىچە كۈنلۈك كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى سۇنۇشاتتى.

بۇ پۇل «تىزىلىدىغان تەقدىم نان»لار، دائىمىي ئاشلىق ھەدىيەلەر، دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، شابات كۈنى بىلەن يېڭى ئايلاردىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، قەرەلى بېكىتىلگەن ھېيتلاردا قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ئۈچۈن، ھەرخىل مۇقەددەس بۇيۇملار ئۈچۈن، ئىسرائىلغا كافارەت كەلتۈرىدىغان گۇناھ قۇربانلىقلىرى ئۈچۈن، شۇنىڭدەك خۇدايىمىزنىڭ ئۆيىدىكى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ خىراجىتى ئۈچۈن ئىشلىتىلسۇن دەپ بەلگىلەندى.

شۇڭا سىلەر نېمىنى يېسەڭلار، نېمىنى ئىچسەڭلار ياكى ھەرقانداق باشقا ئىشلارنى قىلساڭلار، ھەممە ئىشلارنى خۇداغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈلسۇن دەپ قىلىڭلار.