TSK

TSK · چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 8:13

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

ھارۇن لاۋىيلارنى ئىسرائ‍ىللارنىڭ «پۇلاڭلاتما قۇربانلىق»ى سۈپىتىدە پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىنى قىلسۇن دەپ، پەرۋەردىگارغا ھەدىيە قىلسۇن.

مانا، مەن ئۆزۈم سىلەرنىڭ قېرىنداشلىرىڭلار بولغان لاۋىيلارنى ئىسرائ‍ىللار ئىچىدىن تاللاپ چىقتىم؛ ئۇلار جامائەت چېدىرىنىڭ ئىشلىرىنى قىلىشقا پەرۋەردىگارغا تەقدىم قىلىنغان بولۇپ، سىلەرگە سوۋغا سۈپىتىدە ئاتا قىلىنغان.

شۇ شاپائەت بىلەن مەن خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزۈپ كاھىندەك ئۇنىڭ ئىبادىتىنى ھەممە يەردە ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش خىزمىتىدە [يەھۇدىي ئەمەس] ئەللەرگە مەسىھ ئەيسانىڭ خىزمەتكارى بولۇپ تەيىنلەندىم. بۇ خىزمىتىمنىڭ مەقسىتى ئەللەرنىڭ خۇداغا سۇنىدىغان ئىبادىتى مۇقەددەس روھ ئارقىلىق پاك-مۇقەددەس قىلىنىپ، خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان قۇربانلىقتەك ئۇنىڭ قوبۇل قىلىشىغا لايىق بولۇشى ئۈچۈندۇر.