TSK

TSK · فىلىپپىلىقلارغا 2:21

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

لېكىن يەھوئاش پادىشاھنىڭ سەلتەنىتىنىڭ يىگىرمە ئۈچىنچى يىلىغىچە، كاھىنلار ئىبادەتخانىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى تېخىچە ئوڭلىمىغانىدى.

ــ ئاراڭلاردىن دەرۋازىلارنى ئېتىپ قويغۇدەك بىرسى چىقمامدۇ؟ شۇنداق بولغاندا سىلەر قۇربانگاھىمدا بىكاردىن-بىكار ئوت قالاپ يۈرمەيتتىڭلار. مېنىڭ سىلەردىن ھېچ خۇرسەنلىكىم يوق، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ ۋە قولۇڭلاردىن ھېچقانداق «ئاشلىق ھەدىيە»نى قوبۇل قىلمايمەن.  

ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار يولدا كېتىۋاتقاندا، بىرسى ئۇنىڭغا: ــ ئى رەب، سەن قەيەرگە بارما، مەن ساڭا ئەگىشىپ ماڭىمەن، ــ دېدى.

پاۋلۇس بىلەن ئۇنىڭ ھەمراھلىرى كېمىگە چىقىپ، پافوستىن پامفىلىيە ئۆلكىسىدىكى پەرگە شەھىرىگە باردى. ئۇ يەردە يۇھاننا ئۇلاردىن ئايرىلىپ يېرۇسالېمغا قايتتى.   

نومۇسسىزلىق قىلمايدۇ، ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلەپ يۈرمەيدۇ، تېرىكتۈرۈلمەيدۇ، كۆڭلىدە ئۆچمەنلىك ساقلىمايدۇ؛

چۈنكى مەسىھنىڭ مۇھەببىتى بىزنى [شۇنداق قىلىشقا] ئۈندەيدۇ؛ چۈنكى بىز بىرسى ھەممەيلەن ئۈچۈن ئۆلدى، شۇڭا ھەممەيلەننىمۇ ئۆلدى، دەپ ھېسابلايمىز.

ھەربىرىڭلار پەقەت ئۆز ئىشلىرىڭلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ قالماي، بەلكى باشقىلارنىڭكىگىمۇ كۆڭۈل بۆلۈڭلار.

ئۇ چاغدىكى ئىنسانلار ئۆزىنىلا ئويلايدىغان، پۇلپەرەس، مەنمەنچى، ھاكاۋۇر، كۇپۇرلۇق قىلىدىغان، ئاتا-ئانىسىنىڭ سۆزىنى تىڭشىمايدىغان، تۇزكور، ئىپلاس،

تۇنجى قېتىملىق سوراقتا مېنىڭ ئاقلىنىشىمغا ياردەم قىلىدىغان ھېچكىم چىقمىدى، ھەممىسى مېنى تاشلاپ كەتتى. بۇ ئىش ئۇلارغا ھېسابلانمىغاي!