TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 13:6

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

شۇ ئىش تۈپەيلىدىن يەروبوئام جەمەتىنىڭ ھېسابىغا گۇناھ بولۇپ، ئۇلارنىڭ يەر يۈزىدىن ئۈزۈپ ئېلىنىپ ھالاك بولۇشىغا سەۋەب بولدى.

كىمكى تامامەن دۇرۇسلۇقتا ماڭسا، ھەققانىيلىقنى يۈرگۈزسە، كۆڭلىدە ھەقىقەتنى سۆزلىسە؛

داۋۇت يازغان كۈي: ــ مەن ئۈچۈن ھۆكۈم چىقارغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ چۈنكى مەن ئۆز دۇرۇسلۇقۇمدا تۇرۇپ ماڭدىم؛ مەن پەرۋەردىگارغا تايىنىپ كەلگەنمەن؛ مەن تېيىلىپ كەتمەيمەن.  

يامان ئادەمنىڭ ئۆز قەبىھلىكلىرى ئۆزىنى تۇزاققا چۈشۈرىدۇ، ئۇ ئۆز گۇناھى بىلەن سىرتماققا ئېلىنىدۇ.

كامىل ئادەمنىڭ ھەققانىيلىقى ئۆزىنى تۈز يولغا باشلار؛ يامان ئادەم ئۆز يامانلىقىدىن يىقىلار.