يۈسۈپ زېمىننىڭ ۋالىيسى بولۇپ، يۇرتنىڭ بارلىق خەلقىگە ئاشلىق سېتىپ بەرگۈچى شۇ ئىدى. يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى كېلىپ ئۇنىڭ ئالدىدا يۈزلىرىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تەزىم قىلدى.
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 14:19
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
پىرەۋن مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ: ــ پاقىلارنى مەندىن ۋە خەلقىمدىن نېرى قىلىش ئۈچۈن پەرۋەردىگاردىن ئۆتۈنۈڭلار. شۇنداق بولسا، مەن خەلقىڭنى پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلسۇن دەپ قويۇپ بېرىمەن، دېدى.
ــ شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەمەلدارلىرىڭنىڭ ھەممىسى ئالدىمغا كېلىپ، ماڭا تەزىم قىلىپ: «سىلى ئۆزلىرى ۋە سىلىگە ئەگەشكەن بارلىق قوۋملىرى چىقىپ كېتىشكەيلا!» دەپ ئېيتىدۇ، ئاندىن چىقىپ كېتىمەن» ــ دېدى-دە، قاتتىق غەزەپ بىلەن پىرەۋننىڭ ئالدىدىن چىقىپ كەتتى.
يەھوشافات: پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامى ئۇنىڭدا بار، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىلەن يەھوشافات ۋە ئېدومنىڭ پادىشاھى ئۇنىڭ قېشىغا چۈشۈپ باردى.
ئۇلار قويلاردەك تەھتىساراغا ياتقۇزۇلىدۇ؛ ئۆلۈم ئۇلارنى ئۆز ئوزۇقى قىلىدۇ؛ ئەتىسى سەھەردە دۇرۇسلار ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم يۈرگۈزىدۇ؛ ئۇلارنىڭ گۈزەللىكى چىرىتىلىشقا تاپشۇرۇلىدۇ؛ تەھتىسارا بولسا ئۇلارنىڭ ھەيۋەتلىك ماكانىدۇر!
سېنى خارلىغانلارنىڭ بالىلىرى بولسا ئالدىڭغا ئېگىلگىنىچە كېلىدۇ؛ سېنى كەمسىتكەنلەرنىڭ ھەممىسى ئايىغىڭغا باش ئۇرىدۇ؛ ئۇلار سېنى «پەرۋەردىگارنىڭ شەھىرى»، «ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىنىڭ زىئونى» دەپ ئاتايدۇ.
ئەللەر بۇنى كۆرۈپ بارلىق ھەيۋىسىدىن خىجىل بولىدۇ؛ قولىنى ئاغزى ئۈستىگە ياپىدۇ، قۇلاقلىرى گاس بولىدۇ؛
ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا [زىندانغا] بېرىپ، ئۇلارنى زىنداندىن ئېلىپ چىققاندىن كېيىن، شەھەردىن چىقىپ كېتىشنى قايتا-قايتا ئۆتۈندى.