TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 14:28

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

لېكىن ئۇلارنى [قانچە] ئەزگەنسېرى، بۇلار شۇنچە كۆپىيىپ ھەممە يەرنى قاپلىدى؛ بۇنىڭ بىلەن مىسىرلىقلار ئىسرائىللارغا ئۆچ بولۇپ كەتتى.   

يوئاب پادىشاھقا: بۇ خەلق ھازىر مەيلى قانچىلىك بولسۇن، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۇلارنىڭ سانىنى يۈز ھەسسە ئاشۇرغاي. بۇنى غوجام پادىشاھ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەي! لېكىن غوجام پادىشاھ نېمىشقا بۇ ئىشتىن خۇش بولىدىكىن؟ ــ دېدى.

ئىسرائىللارمۇ ئۆزلىرىنى ئېدىتلاپ، ئوزۇق-تۈلۈك تەييارلاپ، ئۇلار بىلەن جەڭ قىلىشقا چىقتى. ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ ئۇدۇلىدا بارگاھ تىكلىۋىدى، سۇرىيلەرنىڭ ئالدىدا خۇددى ئىككى توپ كىچىك ئوغلاق پادىسىدەك كۆرۈندى. لېكىن سۇرىيلەر پۈتكۈل زېمىننى قاپلىغانىدى.

[سۇرىيەنىڭ پادىشاھى] يەھوئاھازغا پەقەت ئەللىك ئاتلىق لەشكەرنى، ئون جەڭ ھارۋىسى بىلەن ئون مىڭ پىيادە ئەسكىرىنىلا قالدۇرغانىدى. چۈنكى ئۇ يەھوئاھازنىڭ [قوشۇنىنى] يوقىتىپ خاماندىكى توپا-چاڭدەك قىلىۋەتكەنىدى.