ئايۇپ 40:12
TSK
راست، ھەربىر تەكەببۇرنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قاراپ، ئاندىن ئۇنى بويسۇندۇرغىن، رەزىللەرنى ئۆز ئورنىدا دەسسەپ يەر بىلەن يەكسان قىل!
TSK
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
راست، ھەربىر تەكەببۇرنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قاراپ، ئاندىن ئۇنى بويسۇندۇرغىن، رەزىللەرنى ئۆز ئورنىدا دەسسەپ يەر بىلەن يەكسان قىل!
ئۇلار بولسا، تەكەببۇرلۇق بىلەن قارايدىغان كۆز، يالغان سۆزلەيدىغان تىل، بىگۇناھلارنىڭ قېنىنى تۆكۈزىدىغان قول،
قول تۇتۇشۇپ بىرلەشسىمۇ، يامانلار جازاغا تارتىلماي قالماس؛ لېكىن ھەققانىيلارنىڭ نەسلى نىجات تاپار.
چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ شۇنداق بىر كۈنى تەييار تۇرىدۇ: ــ شۇ كۈنى ھەربىر تەكەببۇر ۋە مەمەدانلارنىڭ ئۈستىگە، ئۆزىنى يۇقىرى سانىغانلارنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ (شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەس قىلىنىدۇ!)،
لېكىن شەخسىيەتچىلەرگە، ھەقىقەتكە تەن بەرمەي، ئەكسىچە ھەققانىيەتسىزلىككە ئەگەشكەنلەرگە غەزەپ-قەھر ياغدۇرۇلىدۇ؛