شۇڭا ئەساۋ ئاتىسى ئۇنىڭغا تىلىگەن بەخت-بەرىكەت سەۋەبىدىن ياقۇپقا ئۆچمەنلىك ساقلاپ يۈردى. ئەساۋ كۆڭلىدە: ــ ئاتامنىڭ ماتەم كۈنلىرى يېقىنلىشىپ قالدى؛ شۇ چاغدا ئىنىم ياقۇپنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن، دەپ خىيال قىلدى.
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 16:7
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ سېنىڭ ئېتىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ياقۇپ بولماي، بەلكى ئىسرائىل بولىدۇ؛ چۈنكى سەن خۇدا بىلەنمۇ، ئىنسان بىلەنمۇ ئېلىشىپ غالىب كەلدىڭ، ــ دېدى.
يەھۇدانىڭ ئەتراپىدىكى مەملىكەتلەرنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ قورقۇنچى باستى ۋە ئۇلار يەھوشافات بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا پېتىنالمايتتى.
ئۇلار پادىشاھنىڭ يارلىق خەتلىرىنى پادىشاھنىڭ ۋالىيلىرىغا ۋە دەريانىڭ بۇ غەرب تەرىپىدىكى ھۆكۈمدارلارغا تاپشۇرۇۋىدى، ئۇلار خەلققە ۋە خۇدانىڭ ئۆيىنىڭ ئىشلىرىغا ئىزچىل ياردەم بەردى.
پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: ــ بەرھەق، مەن بەختىڭگە سېنى ئازاد قىلىمەن؛ كۈلپەت ۋە بالايىئاپەت بولغان كۈنىدە مەن ساڭا دۈشمەننى چىرايلىق ئۇچراشتۇرىمەن.
ئەمما [شۇ چاغلار] سائۇل ھەر نەپىسىدە رەبنىڭ مۇخلىسلىرىغا تېخىچە ئىزچىل قىرغىنچىلىق تەھدىتلىرى سېلىۋاتقان پەيت ئىدى. ئۇ باش كاھىننىڭ ئالدىغا بېرىپ،
ئۇنداقتا، بۇ ئىشلارغا يەنە نېمە دەيلى؟ خۇدا بىز تەرەپتە تۇرغانىكەن، كىممۇ بىزگە قارشى چىقالىسۇن؟!
شۇنداق بولغاندا سىلەر رەبگە لايىق ھالدا ھەرتەرەپتە خۇدانى خۇرسەن قىلىپ، ھەرقانداق گۈزەل ئىشلاردا مېۋە بەرگەندە، خۇدانى ھەقىقىي بىلىشىڭلار ئارقىلىق ئۆسۈپ يېتىلىسىلەر؛
ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق سىلەرگە ئۆزىنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلدۇرۇپ، سىلەرنى ھەربىر ياخشى ئەمەلدە تاكامۇللاشۇرۇرۇپ ئىرادىسىنىڭ ئىجراچىلىرى قىلغاي! مەسىھكە ئەبەدىلئەبەدگىچە شان-شەرەپ بولغاي! ئامىن!