ھالبۇكى، ئاھازىيانىڭ يەھورامنى يوقلىغىلى بارغىنى دەل ئۆزىنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان، خۇدا بېكىتكەن ئىش ئىدى. چۈنكى ئۇ بارغاندىن كېيىن يەھورام بىلەن بىرلىكتە نىمشىنىڭ ئوغلى يەھۇغا قارشى سوقۇشۇشقا چىقتى. مۇشۇ يەھۇ ئەسلىدە پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ئاھابنىڭ جەمەتىنى يوقىتىش ئۈچۈن مەسىھ قىلىنغانىدى.
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 16:9
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
كۆڭۈلدىكى نىيەتلەر ئىنسانغا تەۋەدۇر؛ بىراق تىلنىڭ جاۋابى پەرۋەردىگارنىڭ ئىلكىدىدۇر.
ئىنساننىڭ ھاياتلىق قەدەملىرىنى پەرۋەردىگار بەلگىلەيدۇ؛ ئۇنداقتا ئىنسان ئۆز مۇساپىسىنى نەدىن بىلسۇن؟
پەرۋەردىگارغا قارشى تۇرالايدىغان ھېچقانداق دانالىق، ئەقىل-پاراسەت ياكى تەدبىر يوقتۇر.
يەرەمىيا 10:23
TSK
بىلىمەنكى، ئى پەرۋەردىگار، ئىنساننىڭ ئۆز يولىنى بېكىتىشى ئۆز قولىدا ئەمەستۇر؛ مېڭىۋاتقان ئادەمنىڭ ئۆزىدە قەدەملىرىنى خالىغانچە تاشلاش قۇدرىتى بولماستۇر؛