ئەخمەقنىڭ ئاچچىقى كەلسە، تېزلا بىلىنەر؛ زېرەك كىشى ھاقارەتكە سەۋر قىلار، سەتچىلىكنى ئاشكارىلىماس.
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 18:6
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
ئەخمەقنىڭ تەكەببۇر ئاغزى ئۆزىگە تاياق بولار؛ ئاقىلانىنىڭ لەۋلىرى ئۆزىنى قوغدار.
مۇتتەھەم كىشى يامان گەپنى كولاپ يۈرەر؛ ئۇنىڭ لەۋلىرى لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا ئوخشار.
جېدەلنىڭ باشلىنىشى توسمىنى سۇ ئېلىپ كەتكەنگە ئوخشايدۇ؛ شۇڭا جېدەل پارتلاشتىن ئاۋۋال تالاش-تارتىشتىن قول ئۈزگىن.
ھاكاۋۇرلار ئۈچۈن جازالار تەيياردۇر، ئەخمەقلەرنىڭ دۈمبىسىگە ئۇرىدىغان قامچا تەيياردۇر.
مىجەزى ئىتتىك ئادەم بىلەن دوست بولما، قەھرلىك ئادەم بىلەن ئارىلاشما،
تاش ئېغىر، قۇم خېلى جىڭ باسار، بىراق ئەخمەق كەلتۈرىدىغان خاپىچىلىق ئىككىسىدىن تېخىمۇ ئېغىردۇر.