مېنى ئاتامنىڭ ئۆيى بىلەن تۇغۇلغان يۇرتۇمدىن يېتەكلەپ ئېلىپ كەلگۈچى، يەنى ماڭا سۆز قىلىپ: ــ «سېنىڭ نەسلىڭگە بۇ يۇرتنى بېرىمەن»، دەپ ماڭا قەسەم قىلغان، ئاسماننىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار ئۆز پەرىشتىسىنى ئالدىڭغا ئەۋەتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ئۇ يەردىن ئوغلۇمغا قىز ئېلىپ كېلەلەيسەن.
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 19:14
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
شۇنىڭ بىلەن ئىسھاق ياقۇپنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت تىلەپ، ئۇنىڭغا جېكىلەپ: ــ سەن قانائانىيلارنىڭ قىزلىرىدىن خوتۇن ئالما؛
شۇ تەرىقىدە يەشۇئا پەرۋەردىگار مۇساغا ۋەدە قىلغاندەك پۈتكۈل زېمىننى ئالدى؛ يەشۇئا ئۇنى ئىسرائىلغا ئۇلارنىڭ قوشۇن-قەبىلىسى بويىچە مىراس قىلىپ تەقسىم قىلدى. ئاندىن زېمىن جەڭدىن ئارام تاپتى.
قانداقلا ئىش قىلساڭ، پەرۋەردىگارنى تونۇشقا ئىنتىل؛ ئۇ ساڭا توغرا يوللارنى كۆرسىتىدۇ.
خوتۇننى تاللاپ ئالغان كىشى ياخشىلىق تاپىدۇ، ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ مەرھىمىتىگە ئېرىشكەن بولىدۇ.
פ ئاغزىنى ئاچسىلا، دانا سۆز قىلىدۇ، تىلىدا مېھرىبانە نەسىھەتلەر بار.
بارلىق يۈكسەك سېخىيلىق ۋە ھەربىر مۇكەممەل ئىلتىپات يۇقىرىدىن، يەنى [ئاسماندىكى] [بارلىق] يورۇقلۇقلارنىڭ ئاتىسىدىن چۈشۈپ كېلىدۇ؛ ئۇنىڭدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ ياكى ئۇنىڭدا «ئايلىنىش» بىلەن ھاسىل بولىدىغان كۆلەڭگىلەرمۇ بولمايدۇ.