TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 19:18

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

تاياقنى ئايىغان كىشى ئوغلىنى ياخشى كۆرمەس؛ بالىنى سۆيگەن كىشى ئۇنى ئەستايىدىل تەربىيىلەپ جازالار.

بالاڭغا تەربىيە بېرىشتىن ئېرىنمە؛ ئەگەر تاياق بىلەن ئۇرساڭ، ئۇ ئۆلۈپ كەتمەيدۇ؛

تاياق بىلەن تەنبىھ-نەسىھەت بالىلارغا دانالىق يەتكۈزەر؛ بىراق ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىلگەن بالا ئانىسىنى خىجالەتكە قالدۇرار.

ئازاب چەككىنىڭلارنى خۇدانىڭ تەربىيىسى دەپ بىلىپ، ئۇنىڭغا بەرداشلىق بېرىڭلار. چۈنكى سىلەرنىڭ تەربىيە ئېلىشىڭلارنىڭ ئۆزى خۇدانىڭ سىلەرنى ئوغلۇم دەپ مۇئامىلە قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. قايسى پەرزەنت ئاتىسى تەرىپىدىن تەربىيىلەنمەيدۇ؟