يالغان گەپنى يايمىغىن ۋە يا يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ رەزىل ئادەمگە يان باسمىغىن.
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 19:5
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
بىرسى توغرۇلۇق «پالانچى-پوكۇنچى گۇناھ قىلغان» دەپ ئەرز قىلىدىغان قارا نىيەتلىك بىر گۇۋاھچى چىقسا،
ئەمما ھازىر ئۇنى گۇناھسىز دەپ سانىمىغىن. ئۆزۈڭ دانا كىشى بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا قانداق قىلىشنى بىلىسەن؛ ھەرھالدا ئۇنىڭ ئاق بېشىنى قانىتىپ گۆرگە چۈشۈرگىن».
يالغان سۆزلەيدىغان ساختا گۇۋاھچى، بۇرادەر-قېرىنداشلىرى ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سالغۇچى كىشىدۇر.
يالغان گۇۋاھلىق قىلغان جازالانماي قالماس؛ يالغان ئېيتقۇچىمۇ ھالاك بولار.
ئاندىن پادىشاھ بۇيرۇق چۈشۈردى، [نەۋكەرلىرى] دانىيالنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى تۇتۇپ، ئۇلارنى بالا-چاقىلىرى ۋە خوتۇنلىرى بىلەن قوشۇپ شىرلار ئۆڭكۈرىگە تاشلىۋەتتى. ئۇلار ئۆڭكۈر تېگىگە چۈشۈپ بولمايلا شىرلار ئېتىلىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇستىخانلىرىنىمۇ چايناپ قىيما-چىيما قىلىۋەتتى.