TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 20:11

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

ئۇنىڭ سەلتەنىتىنىڭ سەككىزىنچى يىلى، ئۇ تېخى گۈدەك چېغىدىلا، ئاتىسى داۋۇتنىڭ خۇداسىنى ئىزلەشكە باشلىدى؛ سەلتەنىتىنىڭ ئون ئىككىنچى يىلىغا كەلگەندە يەھۇدا بىلەن يېرۇسالېمدىكى «يۇقىرى جايلار»، ئاشەراھ مەبۇدلىرى، ئويما بۇتلار ۋە قۇيما بۇتلارنى يوقىتىپ، زېمىننى پاكىزلاشقا كىرىشتى.

رەزىللەر ئانىسىنىڭ قورسىقىدىلا ئېزىپ كېتىدۇ؛ ئۇلار تۇغۇلۇپلا يولدىن ئادىشىپ، يالغان سۆزلەيدۇ.

نادانلىق سەبىي بالىلارنىڭ قەلبىگە باغلاغلىقتۇر؛ بىراق تەربىيە تايىقى بۇنى ئۇنىڭدىن يىراق قىلار.

چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە ئۇلۇغ بولىدۇ. ئۇ ھېچقانداق ھاراق-شاراب ئىچمەسلىكى كېرەك؛ ھەتتا ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدىن تارتىپمۇ مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلغان بولىدۇ.

ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۈچىنچى كۈنى ئۇلار ئۇنى ئىبادەتخانا ھويلىسىدا تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تەلىملىرىنى ئاڭلاۋاتقان ھەم ئۇلاردىن سوئال سوراۋاتقاننىڭ ئۈستىدە تاپتى.