TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 20:24

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

مېنى سېنىڭ ئىزلىرىڭنى بىلىدىغان قىلغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ يوللىرىڭنى ماڭا ئۆگىتىپ قويغايسەن.

كۆڭۈلدىكى نىيەتلەر ئىنسانغا تەۋەدۇر؛ بىراق تىلنىڭ جاۋابى پەرۋەردىگارنىڭ ئىلكىدىدۇر.

مەن ئۇنى خۇداسىز بىر «يات ئەل»گە، دەرغەزىپىم قارىتىلغان خەلقىمگە زەربە بېرىشكە ئەۋەتىمەن؛ ئۇنىڭغا ئولجا تۇتۇۋېلىشقا، غەنىيمەتنى بۇلاشقا، [خەلقىمنى] كوچىلاردىكى لاي-پاتقاقلارنى دەسسىگەندەك دەسسەشكە بۇيرۇيمەن.

ئەكسىچە تەكەببۇرلىشىپ ئەرشتىكى رەبگە قارشى تۇردىلا. سىلى ئۇنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدىن ئولجا ئالغان جام-قاچىلارنى ئېلىپ كېلىپ، ئۆزلىرى، ئەمىر-ئېسىلزادىلىرى، ئۆز خوتۇنلىرى ۋە كېنىزەكلىرىمۇ ئۇلاردا شاراب ئىچتىڭلار ئاندىن كۆرمەيدىغان، ئاڭلىمايدىغان ۋە ھېچنېمىنى چۈشەنمەيدىغان ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، تۆمۈر، ياغاچ ۋە تاشلاردىن ياسالغان بۇتلارنى مەدھىيىلىدىلە. ھالبۇكى، سىلىنىڭ نەپەسلىرىنى ئۆز قولىدا تۇتقان ۋە سىلىنىڭ بارلىق ھەرىكەتلىرىنى ئۆز ئىلكىدە تۇتقان خۇدانى ئۇلۇغلىمىدىلا.