سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى پۈتۈن قەلبىڭ بىلەن، پۈتۈن جېنىڭ بىلەن ۋە پۈتۈن كۈچۈڭ بىلەن سۆيگىن.
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 23:26
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
ئۇنىڭ ئاگاھ-گۇۋاھلىرىنى تۇتقانلار، ئۇنى چىن قەلبى بىلەن ئىزدىگەنلەر،
ئى ئوغلۇم، تەلىمىمنى ئۇنتۇما، دېگەنلىرىمنى ھەمىشە كۆڭلۈڭدە چىڭ تۇت.
قەلبىڭنى «ھەممىدىن ئەزىز» دەپ ساپ تۇت، چۈنكى بارلىق ھايات ئىشلىرى قەلبتىن باشلىنىدۇ.
كىم دانا بولۇپ، بۇ ئىشلارنى چۈشىنەر؟ چېچەن بولۇپ، بۇلارنى بىلەر؟ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ يوللىرى دۇرۇستۇر، ھەققانىيلار ئۇلاردا ماڭىدۇ؛ بىراق ئىتائەتسىزلەر ئۇلاردا پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ.
ــ ماڭا ئەگەشكەنلەر [ماڭا بولغان سۆيۈشلىرىدىن] ئۆز ئاتىسى ۋە ئانىسى، ئايالى ۋە بالىلىرى، ئاكا-ئۇكىلىرى ۋە ئاچا-سىڭىللىرى، ھەتتا ئۆز جېنىنىمۇ يامان كۆرمىسە ماڭا مۇخلىس بولالماس.
شۇنداق قىلىپ، ئۇلار كۈتكىنىمىزدەك ئەمەس، ئۈمىد قىلغىنىمىزدىن ئېشىپ ئۆزلىرىنى ئاۋۋال رەبگە، ئاندىن خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن بىزگىمۇ بېغىشلىدى؛
ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىمىزدە پەيغەمبەرلەر يەتكۈزگەن تولىمۇ ئىشەنچلىك بېشارەتلىك سۆز-كالام باردۇر؛ سىلەر تاڭ سۈزۈلگۈچە، تاڭ يۇلتۇزى قەلبىڭلارنى تولۇق يورۇتقۇچە بۇ سۆز-كالامغا قۇلاق سالساڭلار، ياخشى قىلغان بولىسىلەر (بۇ سۆز-كالام خۇددى قاراڭغۇدا چاقناپ تۇرىدىغان چىراغقا ئوخشاشتۇر).